باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

2016.05.18 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 14-ماي خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى ئاياللار يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان 112 ئىقتىسادىي گەۋدە ‹‹ئۇچقۇن قۇرۇلۇشى›› بويىچە يۆلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تۈر مەبلىغىدىن 29 مىليون 470 مىڭ يۈەن ئەمەلىيلىشىپ بوپتۇ. ئاياللارنى يۆلەشنى ئاساس قىلغان بۇ تۈر بويىچە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن 288 ى بار بولۇپ، ھەربىر ئىقتىسادىي گەۋدە 100 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە، جەمئىي 50 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشەلەيدىكەن. ئىككى تۈرگە 80 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەنپەئەتلىنىدىغان كارخانا 400گە يېتىدىكەن.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭ ‹‹ئۇچقۇن قۇرۇلۇشى›› تۈرىنى يولغا قويغان تۇنجى يىل بۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش 2016 – يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى››نىڭ تەلىپى بويىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدا ‹‹ئۇچقۇن قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈم ئالاھىدە توقۇمىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە ئىلغار توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى نۇقتىلىق يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ماسلاشتۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ئاياللار تەشكىلاتلىرى تۈر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك، كارخانىلار ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاياللارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشۇشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر