- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە 1 –ئورۇندا تۇردى
2016.05.18 14:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ 2015 – يىلىغىچە بولغان ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرۇپ، كۆپلىگەن تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچى تولۇق نومۇرغا يېقىنلاشتى.ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش خىزمىتى ۋە سۈپىتى قاتارلىقلار مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
ئاپتونوم رايون 2011 – يىلىدىن باشلاپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي، يېزىلاردىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى ھەم ئۇنى ئۇدا ئالتە يىل خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، جەمئىي 121 مىليارد 240 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدىن 1 مىليون 536 مىڭ 200 يۈرۈش سېلىپ، 6 مىليونغا يېقىن ھەر مىللەت ئاممىنى يېڭى ئۆيگە كۆچۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا 20 قېتىمدىن ئارتۇق بەش بالدىن يۇقىرى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى، 2014 – يىلى كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال، 2015 – يىلى گۇما ناھىيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىگەندە، جايلاردىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىدى.
بۇ يىل 1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 224 مىڭ 200 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشى باشلاندى. بۇ، پۈتۈن يىلدا سېلىنىش پىلانلانغان 300 مىڭ يۈرۈش ئۆي ۋەزىپىسىنىڭ %74.74 ىنى ئىگىلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر