باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەتىگەنلىك دەرس ئالدىدىكى 10 مىنۇتتا مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ھېكايىسى سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2016.05.18 13:30   مەنبە: خەلق تورى

باي ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەتىگەنلىك دەرس ئالدىدىكى 10 مىنۇتتا مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ھېكايىسى سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (باي ناھىيەلىك 4- باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەريەم كەنجى خەۋەر قىلىدۇ) بۇ يىل يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندىن بۇيان، باي ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەتىگەنلىك دەرس ئالدىدىكى ئون مىنۇتتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش تەربىيەسىنى كۈچەيتتى.

  «شا جوڭخۇي، باي ناھىيەسى كانچى يېزىسى سەبدۇن كەنتىنىڭ دوختۇرى. ئۇ 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، 500 مىڭ ئادەم ( قېتىم )دىن كۆپ كېسەل داۋالىدى، قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دۇرا پۇلىنى كۆتۈرۈۋەتتى، ماددىي بۇيۇم ياردەم قىلدى، لېكىن ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۆيىدە تۈزۈكرەك بىرەر قۇر ئۆي جاھازلىرى يوق. بىراق ئۇنىڭ ھەر خىل شەرەپ گۇۋاھنامىسى 100 دىن ئاشىدۇ. ئۇ تىلغا ئېلىنسا، بۇ كەنتتىكى تاغا– ھەدىلەر: ‹‹ئۇ بىزنىڭ بەخت يۇلتۇزىمىز››- دەيدۇ. 5- ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەتىگەنلىك دەرس ئالدىدىكى ئون مىنۇتتا، باي ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى دىلشات ئىمىن ئەتراپىدا يۈز بەرگەن مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ھېكايىسىنى جانلىق سۆزلەپ بەردى. ئوقۇغۇچىلار ئەتراپىدا يۈز بەرگەن مىللەتلەر ئىتپاقلىقى ھېكايىسىنى ئاڭلاش ئارقىلىق، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە كەسپىي ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 360…
      ·دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 240 مىليون يۈەن…
      ·شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەر قايسى ھالقىلار بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ…
      ·قازاقىستاندا فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە كۈنى تەبرىكلەندى
      ·2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىل…
      ·2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانىدا ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئىگىلىۋېل…
      ·گوۋۇيۈەن مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ ۋە سەككىز ئورۇندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قان…