- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يېزا مائارىپىغا ھەر تەرەپ تەڭ كۈچ چىقاردى
2016.05.17 17:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيە بەشئېرىق بازارلىق مائارىپ نازارەت پونكىتىدىن رۇستەم راخمان خەۋىرى) مائارىپنى قوللاش جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بولۇپ، يېقىندا ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرى تاللىق كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە بىر تۈرلۈك مائارىپنى قوللاش ئالاھىدە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بازارنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق كىشى بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتى.
بۇ پائالىيەتنى شۇ جايدىكى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بېيىغان دېھقان ئوسمان مامۇت باشلىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇ جايدىكى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ يېقىندىن ياردەم بېرىشى، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام مائارىپى ھەر تەرەپتىن قوللاشقا ئېرىشتى.
تەنتەنىلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمى بىلەن پائالىيەت باشلاندى. ئارقىدىن بېيىغان دېھقان ئوسمان مامۇت كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە يەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا 3805 يۈرۈش مەكتەپ كىيىمى تەقدىم قىلدى. مەكتەپ مۇدىرى ئەسقەر ئەزىز مەكتەپ تەرەپكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، مائارىپنى قوللاپ كېلىۋاتقان، بالا تەربىيەلەشتە باشقىلارغا ئۈلگە بولغان ئاتا-ئانىلارغا رەھمەت ئېيتتى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەت ئابدۇراخمان، بازارلىق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەلى مەمەت، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرى قاتارلىقلار يىغىندا سۆز قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مائارىپنىڭ ئالاھىدە ئورنىنى، ئاساسىي قاتلام مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەممە كىشىنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشى لازىملىقىنى چۈشەندۈردى.
پائالىيەت ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار نەپىس ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە مېھرىبان كىشىلەرنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر