- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇدۇنىڭ ھېكايىسى
2016.05.17 17:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۈل)
2005– يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، سەھەر سائەت 8 دە دولان باغچىسىنىڭ ئالدىغا تىجارەت دۇكىنى ( تىككۈچىلىك ) ئىزدەپ بارغان ئازادەم مۇسا باغچا ئالدىدىكى گۈللۈكتە بىرقانچە كىشىنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، كىشىلەر توپىغا شۇڭغۇپ كىردى. گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرسىدا بەش-ئالتە ئاي ئۆپچۆرىسىدىكى بىر بوۋاق يېشىل رەڭلىك يۆگەككە زاكىداغلىق ياتاتتى.
ئازادەم بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ، كۆز ياشلىرىنى ئالقانلىرى بىلەن ئاۋايلاپ سۈرتۈپ، باغرىغا مەھكەم باسقىنىچە يول ياقىسىغا يۈگۈرۈپ باردى ۋە ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتتىن بىرسىنى تۇسۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ زاكىنى ئاۋايلاپ ئېچىپ، بوۋاقنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكى كۆرگەندىن كېيىن، ئىچ–ئىچىدىن خۇشال بولدى . ئەمما ئۇنىڭ خوشاللىقى ئانچە ئۇزاققا بارمىدى. بوۋاق بىر يىغلىغىنىچە نەچچە سائەتلەپ توختىمىدى، پەپىلىدى، ئەركىلەتتى، چاي، بۇلماق بېرىۋىدى نورمال بالىلاردەك ئىچەلمىدى، كېچىچە يىغلاپ چىقتى...
«بەدەنلىرى كىرلىشىپ كەتسە كېرەك!»
ئازادەم مۇسا ئەتىسى سەھەردىلا ئۇچاققا ئوت قالاپ سۇ ئىسىتتى، ئۆي تېمپېراتۇرىسى تەڭشىلىپ بولغاندىن كېيىن، بالىنى يۇيۇندۇرماق بولۇپ زاكىسىنى يەشتى – يۇ، داڭ قالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خەنزۇچە يېزىقتا يېزىلغان بىر ۋاراق خەت بار ئىدى. شۇئان ئۇنىڭ يادىغا قوشنىسى تۇرسۇنگۈل كەچتى. تۇسۇنگۈل ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ياندىكى ئۆيىدە ئىجارىگە ئولتۇرغانىدى. ئازادەم مۇسا قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىردى ۋە قولىدىكى خەتنى سۇنۇپ تۇرۇپ دېدى:
- سىڭلىم، بۇنىڭدا نېمىلەر يېزىلىپتۇ، قېنى تېز ئوقۇڭە.
خەت تولىمۇ قىسقا يېزىلغان بولۇپ ، مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
«ئوغلۇم دۇ دۇ 2004 – يىلى 8- ئاينىڭ 2- كۈنى تۇغۇلغان ، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بېقىۋالسىكەن ! ».
- دۇ دۇ ، دۇ دۇ ، ئوغلۇم دۇ دۇ ...- ئازادەم مۇسا توۋلىغىنىچە ئۆيىگە قايتىپ كىردى. دۇ دۇنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ ھاياجانلىق كۆز ياشلىرىنى تۆكتى ، - سەن مىنىڭ ئوغلۇم، مىنىڭ ئوغلۇم ! ...
ئازادەم مۇسا بالىنى ئۇزاقتىن – ئۇزاق يۇيۇندۇردى، پاكىز سۈرتۈپ كۆپىگە يوگىدى، «قارا بېسىپ قالمىسۇن» دېگەن نىيەت بىلەن بېشىغا بىرتال پىچاقنى قۇيۇپ، سىرتقا چىقتى. ۋېلىسپىتنى مىنىپ ‹‹شياڭگاڭ بازىرى››غا قاراپ چاپتى. بىر يۇرۇش كىيىم، سۈت پاراشۇكى، ئىمىزگە قاتارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ قايتىپ كېلىپ، دۇ دۇنى كىيىندۈردى ...
دۇ دۇ يەنە يىغلىدى. ئۇ چىڭقىلىپ يىغلايتتى .
«قورسىقىمۇ توق ، كىيىمىمۇ ئالماشتۇرۇلدى، يەنە نېمىگە يىغلايدىغاندۇ ؟»
ئازادەم مۇسا بالىغا قايتىلەتتىن زەن سالدى. كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان دۇدۇنىڭ قولاقلىرىدا يىرىڭ بار ئىدى، بىر بۆرىكى چىقىپ قالغان بولۇپ، قارىغان ئادەمنىڭ تىنى جۇغۇلدايتتى.
- ئوغلۇمغا ئاسايىشلىق بەرگەيسەن،- دېدى ئۇ بالىنى قوش قوللاپ ئىگىز كۈتۈرۈپ ...
ئازادەم مۇسانىڭ جاپالىق كۈنلىرى باشلاندى. ئېرى تىجارەت بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، نەلەردە يۈرۈيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىدى ... ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئېرى قايتىپ كەلدى. خوتۇنىدىن دۇ دۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن بىرمۇنچە كايىدى. بالىنى باقماسلىقنى، پاراۋانلىق ئورنىغا ئەپچىقىپ بېرىشنى بۇيرىدى.
ئېرىنىڭ دېگەنلىرى ئازادەم مۇسانىڭ ئىدىيىسىدىن زادىلا ئۆتمەيتتى. ئۇياققا قارىسا ئېرى (ئائىلىسى)، بۇياققا قارىسا ئوغلى دۇ دۇ. قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئۇ بىر ئۆمۈر تىۋىنىپ، تىلەپمۇ پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەن ئەمەسمىدى. ئەمدىلىكتە ئارزۇسىغا يەتكەندە، بىر يولدىلا ئارمانلىرىدىن كەچكىلى بولسۇنمۇ ؟! بۇمۇ ئوخشاشلا ئۆز بالىسى ئىدىغۇ ؟!...
ئازادەم مۇسا كۆپ ئويلىنىشتىن كېيىن، دۇ دۇنى ئېلىپ پاراۋانلىق ئورنىغا كەلدى. بۇ يەردىكى ئاجىز – مېيىپلەرنى كۆرگىنىدە ۋۇجۇدىغا يىغا ئولاشتى، بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
- ياق، ياق، دۇدۇنى نېمەدەپ بۇ يەرگە ئەكىلىپ بېرىدىكەنمەن. ئۆزۈم باقىمەن، ئۆزۈم باقىمەن ...
دۇدۇنى يەنىلا ئۆزى بېقىشنى قارار تاپتى. ۋىلايەتلىك 1- دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى. تەكشۈرۈشتىن دۇدۇنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى مىڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى مەلۇم بولدى. دۇختۇرلار ئۇنىڭغا بۇ خىلدىكى كېسەللەرنىڭ ساقىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، داۋالىتىشقا نەچچە ئون تۈمەن ئىقتىساد كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى ... ئۇ ئۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى نەدىن تاپسۇن ؟! ...
ئىقتىساد بىلەن ئىنسانىي مېھىر– مۇھەببەت، ئائىلە ئوتتۇرسىدىكى زىديەتلىك خىياللار ئازادەم مۇسانى بىر مىنۇتمۇ ئارامىدا قويمايتتى. بۇنىڭغا ئېرىنىڭ نىكاھتىن ئاجىرشىش ھەققىدىكى تەلىپى قوشۇلۇپ دەرد ئۈستىگە دەرد بولغانىدى ...
ئازادەم مۇسا دۇ دۇنى بېقىۋېلىپ ئۈچ ئاي بولغاندا، ئېرى بىلەن ئاجراشتى. بالا ساق بىر ياشقا توشقان كۈنىدە قوشنىسىنى چاقىرىپ ئەرزان ئېيتقۇزۇپ، مۇناجات دېگەن ئىسىمنى قويدى ۋە يېقىن قوشنىسى ياسىناخۇننىڭ ئىسمىنى فامىلە ئورنىدا قوللاندى. ياسىناخۇن بۇ ئەھۋالنى ئۇققىنىدا مەمنۇنلۇق بىلەن مۇنداق دېدى :
- مۇناجان سىزنىڭ، مېنىڭ، ھەمىمىزنىڭ ئوغلى ...
ئازادەم مۇسا ئوغلى مۇناجاتنى داۋالىتىش ئۈچۈن ھەرتەرەپكە قاترىدى . 2006- يىلى 9 – ئايدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئۇرۇق-تۇغقان، يار- بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئېلىش، ماشىنىچىلىق قىلىپ تاپقان – تەرگىنى ۋە تۈۋەن كاپالەت پۇلىسىدىن ئىقتىساد قىلغىنى بولۇپ جەمئىي 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىم قىلىپ، ئوغلىنى ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسى، ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىغا قەرەللىك ئاپىرىپ داۋالاتقاندىن سىرت يەنە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مېيىپلەر ئىدارىسى ۋە شەھەرلىك مېيىپلەر ئىدارىسىنىڭ ياردىمىدە «ۋىلايەتلىك بالىلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورنى»دا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ئۇزاق مۇددەت داۋالاتتى. مۇناجان ھازىرمۇ «ۋىلايەتلىك بالىلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورنى»دا داۋالانماقتا.
ئازادەم مۇسا ئوغلى مۇناجاتنى داۋالىتىشقا توپتوغرا 10 يىل سەرپ قىلدى. ئۇنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى غەملەش ئۈچۈن جاپا – مۇشەققەتتىن باش تارتمىدى، ھېرىپ – چارچاشتىن قورقمىدى. بالىنى كۈندە ئون نەچچە سائەتلەپ ئۇۋلىدى، قۇربى يەتكەن ھەرقانداق ئىشنى قىلدى. تىككۈچىلىك ھۈنىرىگە يانداشتۇرۇپ كونا كىيىم سېتىش، نان سېتىش، پايپاق سېتىشتەك قۇشۇمچە ئىشلارنىمۇ قىلدى ... ئۆزىمۇ يېتىشكەن بىر ئۇۋىلاپ داۋالاش ئۇستىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ تۈننى كۈنگە ئۇۋلاپ ئۆتكۈزگەن 10 نەچچە يىللىق ھايات مۇساپىسى مۈشكۈلات ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن جاپالىق بىر جەريان ئىدى. ئۇ بۇنىڭدىن ۋايسىمىدى، ئەكسىچە مۇناجاتنىڭ كۆزىنىڭ ئېچىلىپ، نورمال سۆزلىيەلىگەنلىكىدىن، گەپ – سۆزىدىكى نورمال ھالىتى ۋە تەپپەككۈرىدىكى تىرەنلىكنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشىدىن، تەم-تەم قەدەملەر بىلەن مېڭىشىدىن، ئۆزى بىلەن مۇنازىرىگە چۈشۈشلىرىدىن ئالەمچە خوشاللىق تاپتى ...
ئۇ ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «دەسلەپكى كۈنلەردە ئوغلۇم ئىككىنچى دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ، بەدەنلىرىدە سېزىم يوق دېيەرلىك ئىدى، كۈزى ئېچىلمايتتى، پۇت-قولىمۇ ھەركەتكە كەلمەيتتى، گەپ – سۆزىمۇ بىنورمال ئىدى. سەككىز ياشقا كىرگەندە كۆزى ئېچىلدى، توققۇز يېشىدا قولى ئانچە – مۇنچە ھەركەتكە كەلدى. مانا ھازىر دەسسىيەلەيدۇ، بەدەنلىرىنىڭ ھەممە يېرىدە سىزىم بار. نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىمۇ ياخشى، ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارى نورمالىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشال. بالىنىڭ بۇ ھالغا كېلىشىدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ، ئۇرۇق – تۇغقان، قۇلۇم – قوشنىلار ۋە نۇرغۇنلىغان ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ تۆھپىسى زور. مەن شۇ قۇربۇمنىڭ يېتىشىچە كۈچىدىم. ناۋادا تەشكىلنىڭ سەمىمىي غەمخورلىقى بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بولمايتتى ... ئىشىنىمەنكى، ئوغلۇمنىڭ سالامەتلىكى پات يېقىندا تامامەن ئەسلىگە كىلىدۇ. شۇ چاغدا مەن ئۇنى ئۆز قۇلۇم بىلەن مەكتەپكە بېرىمەن، ئىلىم – پەن بىلەن قاناتلاندۇرۇپ، كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرىمەن...»
ئازادەم مۇسا جەمئىيىتىمىزدىكى ئۆز شەخسىيىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزگىلەرگە خوشاللىق ئىزدەيدىغان، كېلىچەك ئىگىلىرىنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقپەرۋەر زاتلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى، مېھرىبان ئانا ! ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرى بۈگۈنكىلەرگە ئۈلگە، كېيىنكىلەرگە ئەينەك بولغۇسى.
2016 –يىلى 14- ئاپىرىل ، ئاقسۇ .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر