باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدىكى پىدائىيلار رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرماقتا

2016.05.17 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاۋات ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن 100دىن ئارتۇق پىدائىيلار 5-ئاينىڭ 15-كۈنى تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ناھىيەنىڭ ئاساسلىق كوچا ئېغىزلىرى، يەكشەنبىلىك بازار، تاللا بازارلىرى ۋە بىر قىسىم كۆزنەك ئورۇنلاردا ئاممىغا خالىس مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى.

  پىدائىلار ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاساسلىق كوچا ئېغىزلىرىدا ساقچىلارغا ياردەملىشىپ قانتاش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەدەنىي يول يۈرۈشىگە، پىيادىلەرنىڭ قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشىغا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قاتناش بەلگە-چىراقلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يول يۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  يەكشەنبىلىك بازار ۋە تاللا بازارلىرىدا ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتتى. تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىغا يېزىلغان مەزمۇنلارنى ھەر مىللەت خەلقىگە ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىي تۇرمۇش ۋە مەدەنىي ھاياتقا بولغان تۇنۇشىنى ئۆستۈردى. بىر قىسىم پىدائىيلار يول بويلىرىدىكى تەشۋىقات تاختىلىرى، ئورمان بەلباغلىرى ۋە بىر قىسىم بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردىكى مەدەنىي تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىللەتلەرنى تۈزەتتى.

  ئاۋات ناھىيەسىدىكى پىدائىيلار 12-ماي كۈنى قۇم-بورانلىق ھاۋا رايىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى ۋە شەھەر تازىلىق ئىشچىلىرىغا ماسكا تارقىتىپ بەردى. پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغان ھەر مىللەت ئاممىسى ئۇلارنىڭ ئالىجاناپ پەزىتىلىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر