باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلغان «تەبىئىي پەن مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى»غا تەۋسىيە قىلىنغان مۇتەخەسسىس 738گە يەتتى

2016.05.17 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ماي مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تەبىئىي پەن مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرۇلۇشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 61 ئىلمىي جەمئىيەت مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىغا تەۋسىيە قىلغان مۇتەخەسسىس 738 بولۇپ، ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن باشقا پىكىر يوقلىقى ئىسپاتلانغان.

  بۇ قېتىم تەۋسىيە قىلىنغان 738 مۇتەخەسسىس ئىچىدە ئەر 534 كىشى بولۇپ، %72نى، ئاياللار 204 كىشى بولۇپ، % 28 نى ئىگىلىدى؛ بۇلارنىڭ %80دىن كۆپرەكى 60-، 70-، 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار ئىكەن. پەن قۇرۇلمىسى بويىچە تەبىئىي پەندىن 193 كىشى، تېخنىكا پەنلىرىدىن 173 كىشى، يېزا ئىگىلىك پەنلىرىدىن 95 كىشى، تېببىي پەندىن 277 كىشى بار ئىكەن. شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئىلمىي جەمئىيىتى سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىرى تاشقى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۈجيې بۇ قېتىم مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن تېببىي ئىلىم مۇتەخەسسىسىنىڭ بىرى. ۋاڭ يۈجيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇ ۋاقىتلىق تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن، مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەرگە ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىشقا ئۇقتۇرۇش قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ياردەم بەرگىلى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر