خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر يۈەن بىلەن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرسا بولىدۇ، لېكىن بىر يۈەن بىلەن پويىزغا ئولتۇرغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ 15-ماي سائەت 10دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، شادلىق «مەشرەپ» كۈيلىرىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەردىن خوتەنگىچە قاتنايدىغان 7559 -قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى تۇنجى قېتىم قاتنىدى. بۇ قېتىمقى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھارۋىسى» دەپ ئاتالغان پويىز تۆۋەن باھالىق بېلەت بىلەن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە يول مۇساپىسى 17 كىلومېتىر كېلىدىغان قاراقاشتىن خوتەنگىچە بولغان پويىز قاتتىق ئورۇندۇقىنىڭ باھاسى پەقەت بىر يۈەن بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئەرزان بېلەت ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى