خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۈل خەۋىرى) ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك ئىش باشقارمىسى توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن « ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ئاھالىلەر مەھەللىسىگە بېرىپ، ياشانغان ئامما بىلەن بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش، شاھمات ئويناش ۋە قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىش قاتارلىق ھەرخىل تېمىدىكى مول مەزمۇنلۇق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
سۈرەتتە: خىزمەت گۇرۇپىسى خادىملىرى 4- گۇرۇپپا ئەزاسى چۈ شىجۈنىڭ قوروسىدا جۇڭگوچە شاھمات ئوينىماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى