باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دوستلۇق پائالىيىتى ئارقىلىق جۇشقۇن مەنزىرە نامايان قىلىندى

2016.05.17 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى ئابدىرىمان كەنتى بىلەن شاكال كەنتىنىڭ ئېتىز-ئېرىقلىرى، چىغىر يوللىرى، مەھەللە-كويلىرى بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئىككى كەنت كىشىلىرى ئۇزاق يىللاردىن بېرى بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىرگە ياشاپ، بىرگە تىرىكچىلىك قىلىپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىنىڭ قىينچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ئورتاق يار-يۆلەك بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

  ئابدىرىمان كەنتىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن شاكال كەنتىدىكى خەنزۇ قېرىنداشلار ئۇزاق يىللاردىن بېرى تەبئىي جوغراپىيەلىك ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۈرۈپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك ئىشلىرىدا ئۆز ئارا يار يۆلەك بولۇپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، ئورتاق بېيىش يولىغا مېڭىش بىلەن بىللە، پەرزەنتلىرىنى بىرگە ياشاش، بىرگە ئوقۇش، بىرگە ئويناش، بىرگە ئالغا بېسىشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەر بىر قەلبتە ئېچىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ كەلدى.

  يېقىندا، بۇ ئىككى كەنتتىكى 800 دىن ئارتۇق كىشى ئابدىرىمان كەنتىگە جەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق پائالىيىتى ئېلىپ باردى. دوستلۇق پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دولان مەشرىپى ئوينالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن خەنزۇ قېرىنداشلار يالغۇز كىشىلىك، قوش كىشىلىك ناخشا ئورۇنلىدى. ئاخىرىدا قوش تىللىق خور ئېيتىلىپ، پائالىيەت ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. پائالىيەت ئاخىرىدا قولۇم-قوشنىلارئارا سوۋغا بېرىپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىنىپ، كۆپ مىللەتلىك ئىككى كەنتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق كەيپىياتى نامايان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر