خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر سائەت بىردىن ئىككى مىنۇت 29 سىكونت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 39.80 گىرادۇس، شەرقىي مېردىيان 75.45 گىرادۇس) 4.1 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 10 كېلومېتىر كېلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى