باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى قاراماي مەكتەپ رايونى بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.05.16 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى قاراماي ئوقۇتۇش رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەلق تورىدا: «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى كەلدى» يۈرۈشلۈك سۆھبەت پىروگراممىسىدا، قاراماي ئوقۇتۇش رايونى بۇ يىلدىن باشلاپ تۇنجى قېتىملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جەن يالىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، 2015-يىلى 10-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقى جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى قاراماي ئوقۇتۇش رايونىنى رەسمىي تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا زور ئۆزگىرىش بولغان. بۇ يىل قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ئومۇمىي ئوقۇغۇچى 2510 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ مەكتەپ رايونى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش 2000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن، قالغان 510 ئوقۇغۇچى قاراماي مەكتەپ رايونىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى جەھەتتە، قاراماي مەكتەپ رايونىدا ئالاھىدە سىنىپ ئېچىلىپ، بېيجىڭدا ئالاھىدە سىنىپ ئېچىلمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر