- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدا «12385» مېيىپلەر مۇلازىمەت لىنىيەسى ئېچىلدى
2016.05.16 14:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «12385» مېيىپلەر مۇلازىمەت لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى، بۇندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئىچىدە مېيىپلەر مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق سىياسەت ۋە قانۇن جەھەتتىن مەسلىھەت سوراشقا ھەم تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق ۋە يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەشكە بولىدۇ.2016-يىلى 15-ماي 26-قېتىملىق «مەملىكەت بويىچە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى»، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق «12385» مېيىپلەر مۇلازىمەت لىنىيەسى ۋە مېيىپلەرگە قانۇن ياردىمى بېرىش خىزمەت پونكىتىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مېيىپلەر خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جارۇللا ھېسامىدىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1 مىليون 69 مىڭ مېيىپ بار بولۇپ، تەخمىنەن 3 مىليون 900 مىڭ ئائىلىگە چېتىلىدىكەن. مېيىپلەر «12385» مېيىپلەر مۇلازىمەت لىنىيەسىگە تېلفۇن ئۇرغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى مېيىپلەر مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى «12385»غا بىۋاسىتە ئۇلىنىدىكەن، ئالدىغا مۇناسىپ رايون نومۇرىنى قوشۇپ ئۇرسا، ئۆلكە دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مېيىپلەر مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە بىۋاسىتە ئۇلىنىدىكەن. سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىشتە، تېلېفۇن ئالغان خادىم ئىلىم ئامبىرىغا ئاساسەن بىۋاسىتە جاۋاب بېرىدىكەن؛ مېيىپلەر بىرلەشمىسى مەسئۇل بولمىغان سۇبيېكتىپ مەسىلىلەرنى ھۆكۈمەت قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق ھەل قىلىدىكەن ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدىكەن؛ مېيىپلەر بىرلەشمىسى مەسئۇل سۇبيېكتىپ مەسىلىلەرنى مەملىكەتلىك مېيىپلەر ئەرزىيەت ئۇچۇرى سىستېمىسى ئارقىلىق ھەل قىلىدىكەن. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە «12385» مېيىپلەر مۇلازىمەت لىنىيەسى ئېچىلغان بولۇپ، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە يەنە ئارقا- ئارقىدىن ئېچىلدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر قانۇن ياردىمى خىزمەت پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايون بويىچە مېيىپلەرگە قانۇن ياردىمى بېرىش خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، مىيىپلەرنى ھەقىقىي تۈردە قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر