باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق يىپەك يەرمەنكىسى ۋە 20 - نۆۋەتلىك شىئەن يەرمەنكىسى باشلاندى

2016.05.16 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ماي، «يېڭى سۇپا، يېڭى تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىنغان 2016 ـ يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا يەرمەنكىسى ۋە 20 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرق - غەرب ھەمكارلىقى ۋە سودىغا مەبلەغ سېلىش يەرمەنكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يىپەك يەرمەنكىسى ۋە شىئەن يەرمەنكىسى) شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، دۆلەت دەرىجىلىك تۆت تەرەققىيات رايونىدىكى 100 دىن ئارتۇق كارخانا ئۆمەك تەشكىللەپ يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ.

  2016 ـ يىللىق يىپەك يەرمەنكىسى ۋە 20 - نۆۋەتلىك شىئەن يەرمەنكىسى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، 13-مايدىن 17-مايغىچە شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 37 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار، سودىگەرلەر يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە 300 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 30 نەچچە خىل ئاساسلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 20 ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە ئورنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆلىمى 180 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئېكىسكۇرسىيەچىلەر كۆرگەزمە سارىيىدىكى يېزىق، رەسىم ۋە كۆپ خىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋىتىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى، شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىدىن خەۋەردار بولالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر