باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت كادىرلىرىنى ئۈرۈمچىدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىدى

2016.05.13 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، چولپانگۈل تۇرغۇن خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋاگزالىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىستېتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرىدىكى تۆت كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى تەشكىللەپ ئەۋەتكەن 31 كەنت كادىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالدى.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرىسىستىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تۆت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتلەردىكى كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر ھەپتىلىك ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارغا شەھەر تەرەققىياتىنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋرسىستېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىنىستىتوتلىرىنى، زامانىۋىي كۈتۈپخانىلارنى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىككە دائىر تەجرىبىخانىلارنى، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنى، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈلگەن ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇلارغا زامانىۋىي پەن-تېخىنىكىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرى.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىستېتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى لى باۋ چېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» 3-قارارلىق خىزمىتىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى. بىز ئىلگىرىكى قارارلاردا كەنت ئاھالىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ ئەل قەلبىنى مايىل قىلىپ، ئاممىنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلاندۇق. خىزمەت ئەترەتلىرىمىز بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا قۇيۇق مۇناسىۋەت بارلىققا كېلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدۇق. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىپ، ھەققىي دوستلۇق ئورناتتۇق. بۇ قېتىم مەكتىپىمىزگە كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ھازىرقى زامان پەن-تېخىنىكىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك پەن-تېخىنىكىسىنىڭ «ئۈچ ئەل» خىزمىتىدىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئىدىيە جەھەتتە يەنىمۇ بۇرۇلۇش ياساپ، تۇنۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھازىرقى زامان پەن-تېخىنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىپ، «ئۈچ ئەل» خىزمىتىگە يېقىندىن ماسلىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازارلىق مەدەنىيەت، رادىيو پونكىتىنىڭ باشلىقى يۈسۈپجان ئاقنىياز شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىستېتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى لى باۋ چېڭغا ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

  خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلگەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا بەشئېرىق بازىرى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك ئۈچ ئىشنى قىلىپ بەردى: 1. يېزا، كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاپ، غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. 2. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش ياساپ، ئۇلارنى زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يېتەكلىدى. 3. كەنت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، خىزمەت ئەترەتلىرى بىلەن مەڭگۈ ئۈزۈلمەس دوستلۇق رىشتىسى ئورناتتى.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىستېتى رەھبەرلىرى كەنت كادىرلىرى بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، ئالدىنىقى ئىككى قارارلىق خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۇردى، 3-قارالىق خىزمەت ئەترەتلىرى ئىشلەيدىغان خىزمەتلەرنىڭ موھىم نوقتىلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى ھەم كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىگە كىتاب سوۋغا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر