- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستۇدېنتلاردىن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدۇ
2016.05.13 14:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىگە قىزىقىدىغان، تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا پۇرسەت كەلدى. يېقىندا، خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇش قوماندانلىق ئىشتابى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى، تىزىملىتىش ۋاقتى 15-مايغىچە بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىمتىھان ئۇچۇرى مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خادىم تەكلىپ قىلىنغان كەسىپلەردىن ياغاچ-تاش قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت ئىمارەتلىرى قاتارلىقلار بار ئىكەن. خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرلۇش قوماندانلىق ئىشتابى ئالاقىدار ئىش ئورنىغا خادىم تەكلىپ قىلىدىكەن.خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا توردا تىزىملىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، تىزىملاتقۇچى قىسقىچە تەرجىمىھالى، تەكلىپ قىلغۇچىلار تىزىملىتىش جەدۋىلى، ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى، ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە ئالىي مەكتەپ نەتىجە كۆرسەتكۈچى (مەكتەپ ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ تامغىسىنى بېسىش لازىم)، CET4 ياكى PETS3 نەتىجىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى پوچتا ساندۇقىغا ئەۋەتىدۇ: xjkghr@163.com . يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماتېرىياللارنىڭ قىسقارتىلغان ھۆججەت ئىسمى: ئىسىم-فامىلىسى + مەكتەپ + ئوقۇغان كەسپى + ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار يوللىنىدۇ. ئىمتىھان يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋە يېزىق ئىمتىھان دەپ ئايرىلىدۇ، كونكرېت ۋاقتى ۋە ئورنى قىسقا ئۇچۇر ياكى تېلېفون ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ، شەخس بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قالدۇرۇپ قويۇلۇشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر