باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا كەلكۈن مەزگىلىدىكى ھۆل - يېغىن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ تەسىرى ئېغىر بولىدۇ

2016.05.13 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈچلۈك ئېلنىنو ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھاۋا كىلىماتى ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى ھادىسىلىرى كۆپىيىپ، ئېنىقسىزلىقى كۈچىيىپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئىككىلەمچى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بېسىمى ۋە مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

  بۇ يىل 1-ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئومۇميۈزلۈك 1.6 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرىلاپ، ھۆل - يېغىن مىقدارى % 10 كۆپەيدى. 3 - ۋە 4 - ئايدا تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك ℃ 3.6 ۋە℃ 2.7 يۇقىرىلاپ ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تارباغاتاينىڭ شەرقى جەنۇبىي قىسمى، سانجى، قۇمۇلنىڭ باركۆل، بورتالا ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسى، قىزىلسۇ ئوبلاستى قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا قار ئېرىپ، كەلكۈن كېلىشىگە سەۋەب بولدى. ھۆل - يېغىننىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى تەكشى بولماي، شىمالىي شىنجاڭ ۋە تەڭرىتاغ تاغلىق رايونلىرىدا ئوتتۇرىچە % 20 كۆپ بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا % 60 ئاز بولدى. ۋاقىت جەھەتتە، 1 - ۋە 4 -ئايدا ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، 2 - ۋە 3 - ئايدا ئازراق بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق كىلىمات كۆزىتىش مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ قېتىمقى كۈچلۈك ئېلنىنو ھادىسىسى بۇ يىل 5 - ئايدا ئاخىرلىشىدىكەن، ئەمما بۇ قېتىمقى ئېلنىنۇ ھادىسىسىنىڭ ئىقلىمغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى يەنىلا داۋاملىشىدىكەن. بۇ يىل 6-ئايدىن 8-ئايغىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رايونلار، شەرقىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن كۆپرەك بولىدىكەن، قالغان رايونلاردا ئاز بولىدىكەن، شىنجاڭ بويىچە تېمپىراتۇرا يۇقىرىراق بولىدىكەن. شۇڭا، بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلىدىكى ھۆل - يېغىن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ تەسىرى ئېغىر بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر