- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جەنۇبىي شىنجاڭدا قوش تىل مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى % 66 كە يەتتى
2016.05.13 14:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە زور سوممىلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىنمىسىنىڭ كۆپەيتىلىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇزاق مۇددەت تۇرغۇن ھالەتتە تۇرغان جەنۇبىي شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى «سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى % 66كە يەتكۈزۈلۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان 1 مىليون 270 مىڭغا يېقىن ئۆسمۈر ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.
يېقىندا مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قوش تىل مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ كەم يەرلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون كۆپ خىل ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، شۇنىڭدەك مەبلەغ، ئوقۇتقۇچى كۈچى قاتارلىق ھەر تەرەپتىن يۆلىشى ئارقىلىق،جەنۇبىي شىنجاڭ قوش تىل مائارىپىنىڭ تېز سۈرئەتتە پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشى، يۇمشاق، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شۇ جايدىكى قوش تىل مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى % 66 كە يېتىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بويىچە 1 مىليون 266 مىڭ ئۆسمۈر ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر