- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى
2016.05.12 16:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېتىدە بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كونكرېت ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:
لى شۆجۈن شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9 ـ ماي چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر بويىچە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەركەزنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش لى شۆجۈننى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلغان.
لى شۆجۈن، ئەر، خەنزۇ، 1960-يىلى تۇغۇلغان، گەنسۇنىڭ لىنتاۋ ناھىيەسىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، خىزمەتتىكى ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1977-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان. ئۇ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
جاڭ جىنبياۋ شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5 -ئاينىڭ 11- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، خوتەن ۋىلايىتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى تەڭشەش قارارىنى ئېلان قىلغان: يولداش جاڭ جىنبياۋ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، يولداش يەن گوشەن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، پارتكومنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
جاڭ جىنبياۋ، ئەر، خەنزۇ، 1963-تۇغۇلغان، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شيەنشيەن ناھىيەسىدىن، 1983-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، 1990-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ( 1999 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش كەسپى ئاسپىرانتلار دەرسلىكى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىنى پۈتكۈزگەن). شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.
ليۇ خۇيجۈن شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ماي چۈشتىن بۇرۇن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كادىرلار يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى تەڭشەش قارارى ئېلان قىلىنغان: ليۇ خۇيجۈن قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئىگىلىنىشىچە، ليۇ خۇيجۈن بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى قارار قىلغان:
يولداش دىڭ باڭۋىن ئاپتونوم رايونلۇق چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ( مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك).
يولداش رېن شىنجۈن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار (مۇھاجىرلار ئىشلىرى) ئىشخانىسى (شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى) نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن.
يولداش ۋۇ رەن ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرىلىقىغا تەيىنلەنگەن.
يولداش ما شياڭچۈن ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
يولداش ما تىيەنيۈ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ باش مەسئۇل پىلانلىغۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەن.
يولداش مۇخبۇل ھەسەن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرىلىقىغا تەيىنلەنگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر