باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پەرھات تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللىي مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى «يىپەك يولى سىمفونىيەسى»نى ئېيتىدۇ

2016.05.12 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016 - يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللىي مۇسابىقىسى 15-ماي شىنجاڭ چۆچەك شەھرىدە باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. جۇڭگو خۇش ئاۋازى پىروگراممىسىغا قاتناشقان داڭلىق ناخشىچى پەرھات تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللىي مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مۇسابىقىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى « يىپەك يولى سىمفونىيەسى»نى ئېيتىدۇ.

  پەرھات ناخشىچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارى. ئۇ ئون يىل بۇرۇن موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، قايناق ھېسسىيات ۋە خىرىسقا تولغان بۇ تەنھەرىكەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالغان. پەرھات ئۆزىنىڭ ناخشسى ۋە ئاۋازى ئارقىلىق، كۆپچىلىككە شىنجاڭغا بولغان مۇھەببىتىنى، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللىي مۇسابىقىسىگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئارزۇسىنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللىي مۇسابىقىسى ۋە شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر