باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇلار ياشلىق ناخشىسىنى ياڭراتماقتا

2016.05.12 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) بۇ يىل 4 – ماي، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ياش كارخانىچى، خوتەن قارىقاش ناھىيەسى زاۋا يېزىسىدىن چىققان دېھقان يىگىتى، خوتەن «بالىم» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدېرى ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى، شىنجاڭ «10 يۈەن» فوندىنىڭ مەسئۇلى رەشىدە قاسىم ئايرىم - ئايرىم 20 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو 4 - ماي ياشلار مۇكاپاتى»غا ۋە 2016 - يىللىق «مەملىكەتلىك تىرىشچان، ياخشى ياش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم 4- ماي كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. 6 - ماي چۈشتىن كېيىن شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شۇ كۈنى سەھەردە بېيجىڭدىن شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن بۇ ئىككەيلەننى زىيارەت قىلدى.

  رەشىدە قاسىم: مۇھەببەت بىلەن ئىتتىپاقلىق كۈچىنى نامەيەن قىلىمەن

  رەشىدە قاسىم بىر جەزبىدار، گۈزەل ياش، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى، شۇنداقلا شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى قارىمىقىدىكى «10 يۈەن مېھىر-مۇھەببەت فوندى»نىڭ مەسئۇلى. بۇلتۇر مارتتا، رەشىدە قاسىم ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچى، بۇ يىل 4 - مايدا 2016 - يىللىق «مەملىكەتلىك تىرىشچان، ياخشى ياش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  2007 - يىلى ئىيۇل كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، دوختۇرخانىدا ئىش بېجىرىۋاتقان رەشىدەنىڭ قۇلىقىغا بىر ئۇيغۇر بوۋاي بىلەن بىر خەنزۇ دوختۇرنىڭ پارىڭى كىرىپ قالىدۇ. تىل ئۇقۇشماسلىقتىن ئۇلار بىر - بىرسىنىڭ گېپىنى تازا بىلىشەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن رەشىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىدۇ. ئەسلىدە بۇ بوۋاينىڭ قىزى بىرخىل ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، داۋالىتىشقا ئېلىپ كەلگەن، لېكىن داۋالاشقا كېتىدىغان 60 مىڭ يۈەن ئوپېراتسىيە ۋە ۋە باشقا پۇللار بۇ بوۋاي ۋە قىزىنى ئۈمىدسىزلىككە قويغانىدى. رەشىدە بۇنى ئاڭلاپ دەرھاللا يېنىدىن 700 يۈەن چىقىرىپ، بۇ بوۋاي ۋە قىزىغا بېرىدۇ ھەم بىر ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن ئالاقىلىشىپ، داۋاملىق ياردەم بېرىش ھەققىدە ئىزدىنىدۇ.

  ___ شۇ ئىشتىن كېيىن مەن شۇنى چۈشەندىمكى، بىر ئادەمنىڭ كۈچى ھەرقانچە زور بولۇپ كەتسىمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە يەنىلا ئازلىق ھېس قىلىپ قالىدىكەن، كۆپچىلىكنىڭ كۈچىنى بىريەرگە يىغقاندىلا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بەرگىلى بولىدىكەن. شۇ دەقىقىدىن باشلاپ مەن بىر ساخاۋەت فوندى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ياردەمگە ئېھتىياجلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرگە ياردەم قىلىمەن، دىگەننى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم،- دېدى رەشىدە ماڭا.

  شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ توققۇز خىزمەتدىشى بىلەن 2010 - يىلى نويابىردا بىر QQ توپى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ياردەمگە ئېھتىياجىلىقلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ دوست- بۇرادەرلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ھەر بىرەيلەننى 10 يۈەندىن ئىئانە قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. كېيىن ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىلاتى ۋە دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە «10 يۈەن مېھىر- مۇھەببەت فوندى» قۇرۇلىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە رەشىدەنىڭ بۇ فوندى 2000دىن ئارتۇق پىدائىيسى بار، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 280 دىن ئارتۇق ھەرمىللەت بالىلىرىغا ياردەم قىلغان، 65 بىمارنى 240 مىڭ يۈەن مېھرىبانلىق سوممىسى بىلەن تەمىنلىگەن فوندقا ئايلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر