باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ياشلار تەشۋىقاتى خىزمىتىگە چۇڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، دادىل تەشۋىقاتچىلاردىن بولىمەن»

2016.05.12 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 14 - ئاپرېل كەچ سائەت بەشلەردە، ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولايلى» ئاساسىي تېمىسىدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا، بېشىغا مارجان باسقان دوپپا، ئۇچىسىغا يارىشىملىق ئەتلەس كۆينەك كىيگەن، چېچىنى ئىككى ئۆرۈۋالغان، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن كەلگەن مەريەمگۈل مىجىت نۇتۇق سۆزلىگىلى سەھنىگە چىقتى.

  ___ ئەزىزانە قەشقەرنىڭ باھارىدىن سالام،

  «بەشتە ياخشى» ياشلارنىڭ ساماسىدىن سالام،

  گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى قەلبىگە مەھكەم پۈككەن،

  ئوت يۈرەك، تالماس بىلەك ئىشچانلاردىن ئەسسالام.

  ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم باھالىغۇچىلار، ياش دوستلار، بۈگۈن سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان لېكسىيەرىمنىڭ تېمىسى «بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى!».....

  مەريەمگۈل لېكسىيەسىنى تۈگىتىش ئالدىدا، مەيدان ئەھلىگە بىر مەيدان ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئويناپ بېرىپ، مەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. كەچ سائەت ئالتىدە ئاياغلاشقان مۇسابىقىدە، مەريەمگۈل باھالىغۇچىلارنىڭ بىردەك يۇقىرى باھاسى بىلەن 1 - بولۇپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

  ___ مەن بۇ قېتىم ئاپتونۇم رايوننىڭ «بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش» كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشۋىقاتچىلار مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتىم. مەن ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى 2600 دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام «بەشتە يېڭى ياش بولۇش» تەشۋىقاتچىسىنىڭ بىرسى، مۇشۇ پەيىتتە بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكىمدىن چەكسىز شەرەپ ھىس قىلىۋاتىمەن، شۇنداقلا تېخىمۇ مۇقەددەس بىر خىل مەسئۇلىيەتنى ھىس قىلىۋاتىمەن،-دېدى مەريەمگۈل مۇكاپات سەھنىسىدىن چۈشكەندىن كېيىن ماڭا،- بۇ قېتىم ئېرىشكەن مۇكاپات ئۆزۈمنىڭلا شەرىپى ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن بىللە ئاساسىي قاتلامدا گۈزەل ياشلىق باھارىنى ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا بىغىشلىغان بارلىق ئىتتىپاق كادىرلىرىنىڭ ئورتاق شەرىپى ۋە پەخرى. بۇ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى چىن دىلىمىزدىن سۆيگەنلىكىمىز بەدىلىگە كەلگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش، شۇنداقلا «بەشتە يېڭى ياش بولۇش» تەشۋىقاتىنى تىخىمۇ كۈچەيتىشىمىزگە تۈرۈتكە بولىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ، شۇڭلاشقا بۇ شەرەپنى تېخىمۇ قەدىرلەيمەن.

  مەريەمگۈل مىجىت 1999-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان، 2004- يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، 2008 - يىلى پارتىيەگە كىرگەن. 2009- يىلى ئاشكارا ئۆستۈرۈش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن شۈجسى بولغان. ئۇ ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىغا خىزمەتكە چۈشكەن كۈنىدىن باشلاپ ناھىيە بويىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى ۋە ياشلارغا بولغان تەشۋىقات، تەربىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەن.

  2015 - يىلى مايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، «بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن مەريەمگۈل جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ بۇ سۆزىنى ياشلار ئارىسىغا تېزدىن، چۈشىنىشلىك يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ناھىيە بويىچە 22 ناھىيە دەرىجىلىك تەشۋىقاتچى، 812 ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى، 214 ئوقۇتقۇچى، 229 كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسى شۇجىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ناھىيە بويىچە 229 كەنت، 107 مەكتەپتىكى 65 مىڭدىن ئارتۇق ياشنى 378 مەيدان مەخسۇس لېكسىيە پائالىيىتىگە تەشكىللەيدۇ. 100 مىڭ نۇسخىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ماتىرىيالى تارقىتىدۇ، 223 مەيدان مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيىتى تەشكىللەيدۇ. بۇ يىل فېۋرالدىن باشلاپ ناھىيە بويىچە «بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش» ئاساسىي تېمىسىدا تەشۋىقاتچىلار لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى تەشكىللەيدۇ، 15 - مارتقىچە ناھىيە بويىچە يەتتە ناھىيە دەرىجىلىك «ئالتۇن مۇكاپاتلىق تەشۋىقاتچى»، بەش ناھىيە دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچى» باھالىنىپ چىقىدۇ، ئۆزى بولسا 18 - مارت ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «بەشتە يېڭى ياشلاردىن بولۇش» تەشۋىقاتچىلارنىڭ لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 1 - بولىدۇ، 25 - مارت ئاتۇشتا ئۆتكۈزۈلگەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىتتىپاق ئەزالىرى تەشۋىقاتچىلىرى پائالىيىتىدە 2 - دەرىجىگە ئېرىشىدۇ ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ يىل 3 - ماي كۈنى مەريەمگۈل قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە «4 - ماي» ياشلار مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

  ___ بۇنىڭدىن كېيىن مىننەتدارلىقنى ئۆزىمىزگە دائىم ھەمراھ قىلىپ، ياشلار تەشۋىقاتى خىزمىتىگە چۇڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، پارتىيە بىلەن قەلبداش بولۇپ، ياشلار بىلەن پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولۇمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دادىل تەشۋىقاتچىلاردىن بولىمەن،- دېدى مەريەمگۈل ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ.

  سۈرەتتە: مەريەمگۈل مىجىت (سۈرەتنى ئۈرۈمچى «جۈپ قول» سۈرەتچىلىكى تەمىنلىگەن)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر