باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدە «دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشى قۇرۇلۇشى» ئومۇملاشتى

2016.05.12 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد)

  — «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكى، تارماقلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىدا ئاپتونوم رايوننىڭ <12 - بەش يىل> لىق ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئاساسىي قۇرۇلۇشىدا زور ئۆزگىرىش ياسىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك ئاممىۋى ساغلاملىق پائالىيەت مەركىزىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %90 گە يەتتى، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدە <دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشى قۇرۇلۇشى> ئومۇملاشتى» - دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇنۇن كېرىم 10 - ماي ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتى يىغىنىدا.

  ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 165 يۈرۈش يېزا-بازار دەرىجىلىك «دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشى قۇرۇلۇشى»، 35 مەھەللىدە «كۆپ ئىقتىدارلىق تەنتەربىيە مەيدانى» ياسالغان، 17 مەھەللە تەنتەربىيە كۇلۇبى ۋە 12 تەنتەربىيە باغچىسى قۇرۇلۇشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلگەن. 29 تەنتەربىيە چېنىقىش يولى ياسالغان، 3000 يۈرۈشتىن ئارتۇق چېنىقىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان، ھەر بىر ئادەمگە توغرا كەلگەن چېنىقىش مەيدانى كۆلىمى 1.6 كىۋادرات مېتىردىن توغرا كەلگەن؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تىزىمغا ئالدۇرغان ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى 25 مىڭ 872 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەتلىك دەرىجىلىكى 427 گە، 1 - دەرىجىلىكى 3429 غا، 2 - دەرىجىلىكى 7906 غا، 3 - دەرىجىلىكى 14 مىڭ 110 غا يەتكەن.

  ئاممىۋى ساغلاملىق پائالىيەتلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ، ئۇدا 12 يىل «تەنتەربىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن 10 مىڭ مەيدان (قېتىم) دىن كۆپرەك ئۆتكۈزۈلگەن، پائالىيەتكە 10 مىليون ئادەم (قېتىم) قاتناشقان، 30 نەچچە تۈرلۈك ياشلار - ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن، 1100 دىن ئارتۇق مەكتەپتە 80 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتناشقان ياشلار - ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

  ___ بىز بۇندىن كېيىن داۋاملىق تۈردە ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ھازىرقى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەنتەربىيە چېنىقىش مەيدانى كۆلىمىنى 1.6 كىۋادرات مېتىردىن 2020 - يىلىغا بارغاندا ئىككى كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزىمىز، ئاساسىي ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىشچانلىق تۇيغۇسىنى، بەختىيارلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز،- دېدى زۇنۇن كېرىم زىيارەت ئاخىرىدا ماڭا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر