خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى، خەۋىرى)
___ بۈخەلچەم، تىكتۈرگەن كۆينىكىم پۈتتىمۇ...
___ پۈتتى مانا، كۆرۈپ بېقىڭ.
___ پاھ نىمانچە چىرايلىق تىكتىڭىز، كۆينەكنىڭ زەرلىرى بەك چىرايلىق چىقىپتۇ، شەھەرلىك ئۇستاملاردەكلە چىرايلىق تىكىپسىز..
___ رۇقىيە، جۈمە كۈنىدىكى تويدا قىزلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىدىكەنسىز-دە ئەمدى...
بۇ مېنىڭ 27 - مارت قاغىلىق ناھىيەسى جايتېرەك يېزىسى يۇقارقىھويلا كەنتىنىڭ كەنت كومىتېتى ئالدىدا ئېچىلغان «يەنە بىر كىيسەم تىكۈچىلىك دۇكىنى»دا ئاڭلىغان دۇكان غۇجايىنى — تىككۈچى بۈخەلچەم داۋۇت بىلەن كەنتتىكى كىيىم تىكتۈرگىلى كىرگەنلەرنىڭ پارىڭى ئىدى.
بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن بۇخەلچەم داۋۇت ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى بولۇپ، ئېرى دېھقانچىلىقتىن سىرت كەنت كومىتېتىدا قاراۋۇللۇق قىلاتتى، ئۆزى كىچىكىدىن تىككۈچۈلىكنى ئۆگەنگەچكە، ئۆيدە ئاز- تولا تىككۈچىلىك قىلىپمۇ قوياتتى. بۇلتۇر ئۆكتەبىردىن باشلاپ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ناھىيە بويىچە ھەر بىر كەنتتە «تۈمەنلىگەن ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھەرىكىتى» بويىچە «10 كىچىك دۇكان قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، ھەربىر كەنتتە 10 دىن كىچىك دۇكان بولۇش، يەنى بىردىن كىيىم تىككۈچىلىك دۇكىنى، بىردىن ساتىراچخانا، بىردىن تور دۇكىنى، بىردىن كاۋاپخانا، بىردىن توي مۇلازىمەت ئورنى، بىردىن تاللا بازار، بىردىن رېمونتخانا، بىردىن ئاشخانا، بىردىن قۇرۇلۇش ئەترىتى، بىردىن مۇنچا بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن نامراتلىقنى تۈگىتىش قەدىمىنى پۇختا باستى. نامرات ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالى ناچار ئائىلىلەردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ، «10 كىچىك دۇكان قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق ياشلارنىڭ ئۆز جايىدا ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى.
بۇخەلچەم داۋۇت بۇ قۇرۇلۇشتىن ھەقىقىي نەپ ئالغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ كىيىم تىكتۈرىدىغانلار دسلەپكى مەزگىلدىكىدىن كۆپەيدى. دەسلەپتە ئۆزى كىيىم تىككەن بولسا، ھازىر شاگىرتتىن ئىككىنى تەربىيەلىدى، كىرىمى بۇرۇنقى ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىيىم تىككەنگە قارىغاندا كۆپىيىپ، ئايلىق كىرىمى 2500 يۈەندىن ئايلاندى.
قاغىلىق ناھىيەسى بۇلتۇر ئۆكتەبىردىن باشلاپ «تۈمەنلىگەن ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، ئىگىلىك يارىتىۋاتقانلارغا تەشۋىقات سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىش، ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «10 كىچىك دۇكان قۇرۇلۇشى»نى چىڭ تۇتۇپ، كەنت مۇلازىمەت مەركىزى ۋە كەنت كومىتېتى پائالىيەت زالى قاتارلىق بازىلار ئارقىلىق رەھبەرلىك قىلىش، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، تەربىيەلەش، مەبلەغ سېلىش، يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقگە قولايلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش بىر گەۋدىلەشكەن بازار سىستېمىسى بەرپا قىلدى. بۇ قۇرۇلۇش دەسلەپ يولغا قويۇلغاندا ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېتلىرى ئۆز ئارا ماسلىشىپ، تۇنجى قەدەمدە 21 يېزا-بازاردىكى 65 مەركىزىي كەنتتە رېمونتچى، ئاشپەز، باقمىچى، ساتراش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ياشلارنى كەسپىي بىلىملەر، قانۇن - نىزام بويىچە تەربىيەلەپ، ياشلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە، ئىش تېپىپ قىلىپ پۇل تېپىشقا رىغبەتلەندۈردى.
ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن ناھىيە بويىچە بۇ قۇرۇلۇشقا سېلىنغان ئومۇمىي سېلىنما 10 مىليون يۈەنگە، «10 كىچىك دۇكان قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويغان كەنت 110 غا، ئىشقا ئورۇنلاشقان ياكى ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار 1800 گە يەتتى.
سۈرەتتە: بۈخەلچەم داۋۇت تىككۈچىلىك دۇكىنىدا خېرىدارلار بىلەن پاراڭلاشماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى