باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىيات يىلى» ئاياللار چىۋەر قول ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.05.11 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇبارەك مەخمۇت، ئانارگۈل ھامۇت خەۋىرى، فوتوسى) 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىيات يىلى» ئاياللار چىۋەر قول ماھارەت مۇسابىقىسى خىلۋاپ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى، توخۇلا يېزىسى بويىچە توققۇز مەمۇرىي كەنتنىڭ كەنت ئاياللار مۇدىرلىرى باشلامچى بولۇپ، ھەرقايسى كەنتتىكى چىۋەر ئاياللار كەشتىلەپ چىققان كەشتىلىرى، كەشتە رامكا، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. ھەر قايسى كەنتىكىلەر كەشتىلىگەن نەپىس كەشتىلىرى ئىچىدە، توققۇز پارچە كەشتە 1- دەرىجىلىك، 2 – دەرىجىلىك، 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  سۈرەتتە: توخۇلا يېزىسىدىكى ئاياللارنىڭ كەشتە بويۇملىرىدىن كۆرۈنۈشلەر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر