باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ سايرام ـ كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قىيان سەۋەبىدىن بىر قىسىم يول بۆلەكلىرى گۆمۈرلۈپ، كەڭساي يول بۆلىكىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش توختىتىلدى

2016.05.11 15:24   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ سايرام ـ كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قىيان سەۋەبىدىن بىر قىسىم يول بۆلەكلىرى گۆمۈرلۈپ، كەڭساي يول بۆلىكىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش توختىتىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ماي سەھەر سائەت 6لەر ئەتراپىدا، ئۇدا ياغقان قارا يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن كىلىپ، سايرام ـ كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە گۆمۈرلۈش يۈز بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە G30 يولىنىڭ 4182+300 بۆلىكى ئۈرۈمچى تەرەپتىكى يولدا گۆمۈرلۈش تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، داۋاملىق يۈرۈشكە ئامال بولمىغان.

  نۆۋەتتە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئاللىقاچان سايرام ـ كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يول لىنىيەسى كەڭ ساي بۆلىكىنىڭ 42 كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناشنى توختاتقان.ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شۇ كۈنى سائەت 15 تىن سائەت 18 گىچە، 200گە يېقىن تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىل مېڭىشقا يېتەكلەنگەن، ھازىر كەڭساينىڭ ئەرتەي يول بۆلىكىدە يەنىلا تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىل بار بولۇپ، يېتەكلەش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلىنىۋېتىپتۇ.

  قاتناش ساقچى تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: شوپۇرلار جەزمەن باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى، ۋاقتىدا قايتىپ كېتىشى ياكى يېقىن ئەتراپتا مېھمانخانا، ياتاققا ئورۇنلىشىشى لازىم، قاتناشنىڭ ئەسلىگە كېلىش كونكرېت ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىل…
      ·2016-يىللىق دۆلەتلىك ئەدىلىيە ئىمتىھانى پىلانىدا ئۈچ تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە ئىگىلىۋېل…
      ·گوۋۇيۈەن مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزىتىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ ۋە سەككىز ئورۇندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قان…
      ·جىنەندە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم پۇتبول چوڭ تەنەپپۇسى ياكى دەرست…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: 2016-يىلى نامرات رايونلاردىن يۆنىلىشلىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش مەخسۇس تۈر پىلان…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى سەككىز ئۆلكىنىڭ مىللىي مائارىپ خىزمىتىگە نازارەت…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشىغا ئار…
      ·1538 كىشى  12-نۆۋەتلىك سۇڭ چىڭلىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىردى