باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى

2016.05.10 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ماي، مۇخبىرنىڭ 2016 - يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى تۇلۇق كۇرس مەكتەپلىرىگە 34 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى، ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە 53 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

  2016-يىلى، ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى تۇلۇق كۇرس مەكتەپلىرىگە 34 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يىلقى ئادەم سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2300ى كۆپ، ئېشىش نىسبىتى % 7.1 بولغان. ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە 53 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يىلقى ئادەم سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 4850ى كۆپ، ئېشىش نىسبىتى 10.07% بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالىي مائارىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساستا ئىلگىرىلەش ۋە ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نىشانىنى ئېنىق بېكىتىپ ۋە ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايونلارغا جايلىشىشىنى ياخشىلاپ ۋە گىرەلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شارائىتقا يارىشا ئىش كۆرۈپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يەنە بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ تەسىس قىلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونىمىز «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش نومۇرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەننىڭ ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر