باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئۇدا 10-قېتىم ئۆمەك ئەۋەتىپ، شېنجېن مەدەنىيەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ

2016.05.10 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسىپلىرى يەرمەنكىسى 12 - مايدىن 16 - مايغىچە شېنجېن كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇدا 10 - قېتىم ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايون ئۆمىكىنىڭ كۆرگەزمە رايونى شېنجېن مەدەنىيەت يەرمەنكىسى 1 - نومۇرلۇق سارىيى، يەنى مەدەنىيەت كەسپى ئۇنىۋېرسال سارىيىغا جايلاشقان، كۆرگەزمە كۆلىمى 240 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش كۆرگەزمە رايونى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بىرلەشمە كۆرگەزمە رايونى، مەدەنىيەت - سودا كۆرگەزمە رايونى، كىنو - تېلېۋىزىيە - نەشر بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت بەش چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان، 40قا يېقىن كارخانا يەرمەنكىگە قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدىكەن. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شېنجېن مەدەنىيەت كەسىپلىرى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم كۆرگەزمە بۇيۇملىرى شېنجېنغا يەتكۈزۈلۈپ بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر