باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قوش تىل ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.05.10 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) جېجىياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2016-يىللىق «ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قوش تىل ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش مۇسابىقىسى» يېقىندا ئاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى مەكتەپلىرىدىن تاللىنىپ كەلگەن 16 ماھىر قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ قوش تىل جەھەتتىكى ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلدى.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار چىن قايناق ھېسسىياتى بىلەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جوڭگۇنى، جوڭگۇ كوممۇنىسىتىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە گۈللەپ ياشناۋاتقان شىنجاڭنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ كۆرەش قىلىۋاتقان جەڭگىۋار روھىنى، ئانا يۇرتقا بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بىلەن ئىپادىلەپ، مۇسابىقە كۆرگۈچىلەرنى جەلب قىلدى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايەن قىلىش، قوش تىل مائارىپىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ياخشىلاش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك موھىم تەدبىرى بولۇپ، مۇسابىقە ئارقىلىق ھەر مىللەت ياشلار- ئۆسمۈرلىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھى ھالىتىنى نامايەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، گۈزەل يۇرت-ماكانىغا بولغان تۇنۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

  ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جوڭخۇا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىمىز ناھىيەمىزدىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قوش تىل ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشتىن ئىبارەت. بىز شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھىرى بىلەن كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، بۇ يەردىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى پىكىر ئالماشتۇرۇش سەھنىسى بىلەن تەمىنلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر