- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا 14 تۈركۈم ( قېتىم ) لاياقەتسىز مەھسۇلات، سەككىز تۈركۈم ( قېتىم ) لاياقەتسىز ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلات پاش قىلىندى
2016.05.10 14:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ماي، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016-يىللىق 1- قېتىملىق دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 14 تۈركۈم ( قېتىم ) لاياقەتسىز مەھسۇلات پاش قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان سەككىز تۈركۈم ( قېتىم ) ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتنىڭ ئىچىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ئېشىپ كەتكەن، ئىككى تۈركۈم (قېتىم) ھەسەلنىڭ ئىچىدىن فىرۇكتوزا ۋە گىلۇكوزانىڭ مىقدارى لاياقەتسىز چىققان، بىر تۈركۈم ( قېتىم ) يېمەكلىك دورا -دەرمەكلىرىنىڭ ئىچىدىكى قوغۇشۇن مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، بىر تۈركۈم ( قېتىم ) يېمەكلىك دورا-دەرمەكلىرى (ئاچچىقسۇ) دىكى كىسلاتا لاياقەتسىز چىققان، بىر تۈركۈم ( قېتىم ) سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىك ئىچىدىكى چوڭ ئۈچەي باكتېرىيە مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، بىر تۈركۈم ( قېتىم ) مېۋە-چېۋە مەھسۇلاتى (مۇراببا)نىڭ ئىچىدىكى كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ دوستلۇق گۇرۇھى كورلا تيەنبەي سودا چەكلىك شىركىتى كورلا شەھىرى خەلق يولى دوستلۇق سودا تاللا بازىرىنى تەكشۈرگەندە، لاياقەتسىز ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار بايقالغان. نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى ئۇلاردىن لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى توختىتىشنى ھەم باشقىدىن تەڭشەپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. تەكشۈرۈپ چىققان سەككىز تۈركۈم ( قېتىم ) ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى بايىنغولىن ئوبلاستىدىن كۆپ بايقالغان، يەنە ماناس، ساۋەن ناھىيەسىدىمۇ لاياقەتسىز ھاراق مەھسۇلاتى بايقالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر