باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 55 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، 15-ماي ئىمتىھان باشلىنىدۇ

2016.05.10 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر بۈگۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە ئوقۇيدىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى 55 مىڭ 7 بولۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن % 9.6 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچە بەش خىل تىلدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار 26 مىڭ 190 نەپەر ئىكەن.

  بۇ يىل ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش سىناق ئىمتىھانى 15-ماي ئېلىنىدۇ. ئىمتىھان شىخەنزە، تۇرپان، قۇمۇل، سانجى، ئىلى قاتارلىق 13 ئىمتىھان رايونىدىكى 2329 ئىمتىھان مەيدانىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىنىدىغان بولۇپ، سىناق ئىمتىھان پەنلىرىدىن ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا بار، ھەربىر پەننىڭ تولۇق نومۇرى 150، قوش تىل سىنىپلىرى ۋە مىللىي تىل-يېزىق تۈرىدىكىلەردىن ئېلىنىدىغان ئەدەبىيات ئىمتىھانى خەنزۇچە ۋە ئانا تىلى بويىچە ئېلىنىدىغان بولۇپ، ھەر قايسىسى %50 نى ئىگىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر