باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قوش سېدە سايىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىتتىپاقلىق زىياپىتى

2016.05.10 09:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاھىرجان نىياز، ئالتۇنگۈل ھاشىم خەۋىرى)

  ــ ئالدىمىزدىكى بۇ تاماقنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىمىنى قېنى قايسىڭلار دەپ بېرەلەيسىلەر؟- دېدى پائالىيەت رىياسەتچىسى مېھرىگۈل ئابلا راۋان خەنزۇ تىلىدا.

  - مەن بىلىمەن، ئۇنىڭ ئىسمى چۆچۈرە،- دېدى تېڭ جيەنشىن بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ.

  - بۇ بوۋاينىڭ دېگىنى توغرا، ئۇنداقتا خەنزۇچە ئىسمىچۇ، قايسىڭلار بىلىسىلەر؟

  - خۈندۈن، دەپ جاۋاب بەردى داستىخاندا ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ئايال.

  بۇ، 5-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شايار ناھىيەسى شايار بازىرى باغچا مەھەللە ئەزاسى، شۇنداقلا بازارلىق يەرلىك لېكسىيە ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، 60 ياشلىق سىيىتنىساخان ساۋۇر ھاجىم ھويلىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ سىمۋولى بولغان بىر جۈپ سېدە ئاستىغا ھەر مىللەتتىن بولغان دوستلىرىنى چاقىرىپ ئۇيۇشتۇرغان كۆڭۈل ئېچىش، تاماق يېيىش مەزمۇن قىلىنغان ئىتتىپاقلىق زىياپىتى پائالىيىتىدە دېيىلىۋاتقان گەپلەر. بۇ پائالىيەتنى ۋەتەننى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئىلغار ئىدىيەلىك مەھەللە ئەزاسى سىيىتنىساخان ساۋۇر ھاجىم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى» ھەم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە ئۇيۇشتۇرغانىدى. زىياپەت پائالىيىتىگە مۇشۇ مەھەللە ۋە قوشنا مەھەللىدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان 100گە يېقىن دوستلار تەكلىپ قىلىندى. پائالىيەت سورۇنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مېھماندارچىلىق ئادىتى بويىچە چىرايلىق گىلەم، كۆرپىلەر سېلىنىپ، تاتلىق - تۈرۈملەر، ئاچچىق - چۈچۈكلەردىن تارتىپ چۆچۈرە، پولوغىچە ھەممىسى داستىخانغا تارتىلدى. ھەر مىللەتتىن بولغان قېرىنداشلار بىر داستىخاندا ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تەگكەچ، ئۆز ئارا ھال - مۇڭ بولۇشتى ھەم مەھەللىدىكى ھەر مىللەت خەلق سەنئەتكارلىرى ۋە قىزىقچىلار ئورۇندىغان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناخشا، ئۇسسۇل، ئېتۇت، سۆز ئويۇنى قاتارلىق تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىشتى. بۇ نومۇرلاردا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ خەلققە ئېلىپ كەلگەن بەخت - سائادىتى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر، ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەپ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئىناق، گۈزەل شايار بەرپا قىلىشتەك گۈزەل ئارزۇ ئىپادىلەنگەن بولۇپ، پائالىيەت ئاخىرىدىكى مەشرەپ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈۋەتتى. سىيىتنىساخان ساۋۇر ھاجىم خەنزۇ دوستلىرىغا دوپپا سوۋغا قىلدى.پېشقەدەم كادىرلار مەھەللىسىدىن كەلگەن خەنزۇ مېھمان تېڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: مەن 1978 - يىلى شىنجاڭغا كەلگەن بولۇپ، مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ پېنسىيەگە چىقتىم. بۈگۈنكى زىياپەتتە ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرگە تاماق يەپ، بىرگە ئۇسسۇل ئويناپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم، مەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا گۇۋاھچى بولدۇم، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا، مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئېجىل-ئىناق ياشاپ، بۇ گۈزەل ماكاننى گۈللەپ ياشنىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شايار بازىرى باغچا مەھەللە ئەزاسى سىيىتنىساخان ساۋۇر ھاجىم مۇنداق دېدى: پارتىيەمىزنىڭ سىياسىتى ياخشى، مەن پارتىيەمىزنىڭ ئەۋزەل دىنىي سىياسىتىدە ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن قانۇنلۇق، تەشكىللىك ھەج ئۆمىكى بىلەن بىللە ھەج-تاۋاپ قىلىپ كەلگەن. مەن بۇ ئاددىي زىياپەت پائالىيىتىنى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇردۇم. چۈنكى ئىتتىپاقلىق كۈچ. ھەر مىللەت ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشۇپ ئىتتىپاقلىشىدىغان بولساقلا، ھەر قانداق توسقۇن، قارشى كۈچنى يېڭىپ غەلىبىگە، بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز. يۇرتىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر