- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016 -يىللىق ‹‹تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى›› پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 5- ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلىنىدۇ
2016.05.09 16:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016 ـ يىللىق «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 8-ماي ئۈرۈمچى «قىزىلتاغ» تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 48 ئەل ئىچى پۇتبول كوماندىسىنىڭ ۋەكىللىرى جەم بولۇپ، ئەل ئارا پۇتبولچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چارە- تەدبىر كۆرسەتتى، شۇنداقلا يەنە پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يازلىق پۇتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلدى. بۇ يىللىق بىرلەشمە مۇسابىقىدە، ئىپادىسى مۇنەۋۋەر بولغان تەنھەرىكەتچى ۋە كوماندا ئايرىم - ئايرىم تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىنىڭ سىناق مەشىق پۇرسىتى ۋە يىلپىز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇردى، ئۈرۈمچى پۇتبول جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كۇلۇبى ياردەم قىلدى.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى 2014 – يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇرۇلغان، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن، 2016-يىلى «شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتبول كوماندىسى يېڭى سەپىرىنى باشلىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر