باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

3-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ يېڭى مېۋىسى . ئوت يۇرتىنىڭ ئۈجمە پەسلى» باشلاندى

2016.05.09 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7 -ماي چۈشتىن بۇرۇن، شادىيانە «ئۈجمە ناخشىسى» بىلەن تەڭ، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك «شىنجاڭ يېڭى مېۋىسى . ئوت يۇرتىنىڭ ئۈجمە پەسلى» باشلاندى.

  7-ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، ئىدىقۇت رايونى گۈلزارلىق كۆل ئارامگاھىدىكى 5000 تۈپ ئۈجمە مول ھۇسۇل مەزگىلىنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى كۈتۈۋالدى. شاخلاردىكى غۇچچىدە قارامتۇل، بىنەپشە رەڭدىكى قارا ئۈجمىلەرنى كۆرۈپ، كىشىنىڭ شۆلگىيى ئاقاتتى . نەچچە مىڭ ساياھەتچى كەڭ كەتكەن ئۈجمىزارلىقتا بىر تەرەپتىن ئۈجمىنىڭ شېرىن تەمى ۋە لەززىتىدىن ھۇزۇرلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئېسىل مىللىي ناخشا - ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلاندى.

  تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە «پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇر بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدا داۋازلىق ماھارىتى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى. 7-ماي چۈشتىن كېيىن، ئادىل ھوشۇر ئۇزۇنلۇقى 1650 مېتىر كېلىدىغان پولات سىم ئۈستىدە قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان داۋازلىق ماھارىتى كۆرسەتتى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ۋاقتى بىر ئاي بولۇپ، بۇ مەزگىلدە «ئۈجمە يامغۇرى» پائالىيىتى، ساغلاملىق مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر