باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مېڭ جيەنجۇ مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2016.05.09 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى يولداش مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى 6- ماي چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. دوكلات يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ يولداش مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوكلات ئۆمىكى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. مېڭ جيەنجۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، غايە- ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەپ پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە، قانۇنغا سادىق بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى مەڭگۈ قەلبىمىزدىكى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ خەۋپ-خەتەردىن، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دېدى: يولداش مەمەتجان توخنىياز خەلق ساقچىسى بولغان 30 نەچچە يىلدا، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق، جەسۇر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىدا ئۇلۇغۋار روھ ئۇرغۇتتى. 2015- يىلىدىكى باي «18- سېنتەبىر» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، ئۇ خەۋپ- خەتەرگە قارىماي كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۈشمەننىڭ ئۇۋىسىغا ئۆزى يالغۇز بۆسۈپ كىرىپ، زوراۋانلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، بەختكە قارشى زوراۋانلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلدى، ئۇ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان قەھرىمانلىق قەسىدىسىنى ياڭراتتى. ئۇ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق ئوغلانى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پەخرى، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدىكى سىياسىي-قانۇن كادىرلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەملىكىتىمىزدىكى سىياسىي- قانۇن ئورگانلىرى ۋە سىياسىي- قانۇن كادىرلىرى، ساقچىلىرى «پارتىيە نىزامنامىسى- قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى ئۆگىنىش، لايەقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» توغرىسىدىكى ئۆگىنىش- تەربىيەگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يولداش مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۆگىنىپ، مۇستەھكەم ئىرادە، ساغلام ئىستىل بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۈن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم دوكلات يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يولداش مەمەتجان توخنىيازدىن ئۆگىنىش دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، قەھرىماننىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن زور مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر