باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى

ئاپتونوم رايون گوۋۇيۈەن يۆلەش - ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

جاڭ چۈنشيەن، ليۇ يۇڭفۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2016.05.09 14:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 8 - ماي چۈشتىن كېيىن گوۋۇيۈەن يۆلەش - ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنشيەن، گوۋۇيۈەن يۆلەش - ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گوۋۇيۈەن يۆلەش - ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  گوۋۇيۈەن يۆلەش - ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 5 - ماي شىنجاڭغا كېلىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەتتە ناھىيە، شەھەر، 15 نامرات كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەش ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭ بىلەن نامرات ئائىلىلەرنى ئازايتىش ئۈنۈمى روشەن بولدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئۇل ئەسلىھەلەر شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن يۆلەش - ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى مەركەزنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكىتى شۇنداقلا شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، نامرات نوپۇسى كۆپ، نامرات كەنتلەرنىڭ دائىرىسى كەڭ، نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر. شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن يەنە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بەشنى تونۇش» ئىدىيەسىنى كۈچەيتىشكە؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىككە يۈزلىنىشىگە؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشقا پايدىلىق، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەر، يېزا - بازار، كەنتلەرنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ قەرز ئېلىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىرىشىپ باي بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش، سۇبيېكىتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك سىرتقا چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ دېھقان، چارۋىچىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈپ قۇمنى تىزگىنلەيدىغان، شورلۇق يەرلەرنى ئۆزگەرتىدىغان، يايلاقلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان ئوت - چۆپ، چاتقاللارنى ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى كۆپەيتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش؛ «قوش تىل» مائارىپىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ «5+2» بازا قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، «قوش تىل» يەسلىسى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «قوش تىل» ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش؛ تۈرلۈك يۆلەش مەبلەغلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، يۆلەش مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىلەن شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چېگرانى مۇستەھكەملەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش، چېگرا رايوندىكى ئاممىغا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى مەركەزلىك ياخشىلاپ، خاتىرجەم ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە، چېگرا رايوننى قوغداش ۋە مۇستەھكەملىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. گوۋۇيۈەن يۆلەش - ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى غەلىبىلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ليۇ يۇڭفۇ شىنجاڭنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، جەنۇبىي شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدىكى ئاچقۇچلۇق رايون. گوۋۇيۈەن يۆلەش - ئېچىش رھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يۈكسەكلىكىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئومۇمىي تەپەككۇرى ۋە نىشان - ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، جەنۇبىي شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش شەكلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، نامراتلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا ماكانلىشىشى بىلەن يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال جىپسىلاشتۇرىدۇ، ئاساسىي قاتلامدا «قوش تىل» بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايون ۋە نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش قەدىمىنى ھەقىقىي تېزلىتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۆھرەت زاكىر شىنجاڭنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈن سۆھبەت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن سۈن جىنلۇڭ، خۇاڭ ۋېي، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، چيەن جى، ۋەن خەيچۈەن، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، گوۋۇيۈەن يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مەمۇرىيەت - كادىرلار مەھكىمىسى، سىياسەت - قانۇن مەھكىمىسى، تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش مەھكىمىسى، خەلقئارا ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە جەمئىيەتتىكى نامراتلارنى يۆلەش مەھكمىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر