- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك
جاڭ چۈنشيەن جاڭ ۋېنشيۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2016.05.09 14:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ياۋ تۇڭ خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 7 - ماي چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېنشيۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
جاڭ ۋېنشيۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭغا كېلىپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى، كەسپىي مائارىپ، خەلق ئىشلىرى تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سارىيىنىڭ «تۇرپان مەجمۇئەسى»نى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، خۇنەننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسى يەنە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى قوللىماقچى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. خۇنەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار ئۆزلىرى ياردەم بېرىۋاتقان جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ئاممىغا ئەمەلىي ۋە قىزغىن ياردەم بېرىپ، تىرىشىپ ئىشلەش روھى بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جايلاردىكى ئاممىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە مول نەتىجىلەر ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ - خۇنەننىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىر گەۋدىلىك، كۆپ مەنبەلىك، بىرلىشىش - ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت شىنجاڭچە زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. خۇنەننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى تونۇش» ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاڭ ۋېنشۇڭ مۇنداق دېدى: خۇنەننىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ ھەم ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە رولىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
كۆرۈشۈشتە ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن سۈن جىنلۇڭ، شاۋكەت ئىمىن، شيۇڭ شۈەنگو، لى شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، خۇنەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شياۋ، شىنجاڭ ۋە خۇنەندىكى تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىللە بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر