باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋاتتا مىڭ دانە «قىزىل كىچىك ئاپتوموبىل» يېزىلار ئارا ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇھەببىتى تارقاتتى

2016.05.09 14:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ماي، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرىدا مىڭ دانە «كىچىك قىزىل ئاپتوموبىل» بازارنىڭ ھەممە كەنتىگە بېرىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىقلار بويىچە خالىس تەشۋىقات ئېلىپ باردى

  «قاراڭلار ئاۋۇ بوۋىلىرىمىزغا، ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتلىرىدا دۆلەت بايرىقى لەپىلدەۋاتىدۇ، موتوسىكلىتلىرىدا يەنە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رەسىمى بار ئىكەن، بەك قالتىسكەن.» 3-ماي، ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرىنىڭ بازار كۈنى ئىدى، بۇ كۈنى، قاتار-قاتار ئۈچ چاقلىق تەشۋىقات موتوسىكلىتلىرى بازاردىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلانغان بولۇپ، بازارغا كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ۋە تىجارەتچىلەر بەس-بەستە بۇ ئىشنى ئالقىشلىدى.

  بۇ يىل 18-ئاپرېل، ئاۋات ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىيات يىلى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، بۇ ناھىيەنىڭ بەشئېرىق بازىرى ساڭ كەنتىدىكى 65 ياشلىق پارتىيە تۆمۈر قادىر ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزاسى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەكلىپ بويىچە يىغىنغا قاتنىشىپ، ناھايىتى خۇشال بولدى.

  « شۇ كۈنى يىغىننى ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىدىم، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دېھقان رەسساملار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەزمۇنىدا رەسىم سىزىدىكەن، ناخشىچىلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدىكەن، مەن نېمە قىلسام بولار؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم، ئويلىنىش ئارقىلىق، ئۆيدىكى ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنى «ئۆزگەرتىش» خىيالىغا كەلدىم. ئويلىغاننى قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن ئادەم تېپىپ، كۇزۇپنىڭ بىر تەرىپىگە بەش ئەۋلاد رەھبەرنىڭ رەسىمىنى ئورناتتىم، يەنە بىر تەرىپىگە <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ جان تومۇرى> دەپ قوش تىللىق پىلاكات ئاستىم، ئوتتۇرىغا قىپقىزىل دۆلەت بايرىقىنى قادىدىم، شۇنداق قىلىپ <قىزىل تەشۋىقات موتوسىكلىتى>ى بارلىققا كەلدى. ۋاقتىم بولسىلا موتوسىكلىتنى مىنىپ كوچىغا چىقىمەن، يۇرتداشلار بۇنى كۆرۈپ ياخشى قىلىپسىز، دېيىشتى، قولۇم-قوشنىلار ئارقا-ئارقىدىن ماڭا ئوخشاش ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنى ئۆزگەرتتى، دېدى تۆمۈر بوۋاي.

  قوشنا كەنتتىكى غەيرەت تۇرسۇن ئۆيىدىكى ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنى «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش موتوسىكلىتى» قىلىپ ئۆزگەرتتى، ئۇمۇ موتوسىكلىتىغا دۆلەت بايرىقى قادىدى، ھەم كەنت ئاھالە كومىتېتى تەمىنلىگەن پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە دائىر ماتېرىياللارنى تۈرگە ئايرىپ خالتىغا سېلىپ، موتوسىكلىتىغا ئاستى. شۇنداق قىلىپ ئۇ پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى، يۇرتداشلارمۇ بىلمىگەنلىرىنى ئۇنىڭدىن سورايدىغان بولدى. بەشئېرىق بازىرىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خالىس تەشۋىقات «قىزىل موتوسىكلىت»ى 1000غا يەتكەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى كېڭىشىپ خالىس تەشۋىقات «قىزىل موتوسىكلىت ئەترىتى» بولۇپ تەشكىللىنىپ، بازار كۈنىدەك ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان چاغلاردا كوچىلارغا چىقىپ تەشۋىق قىلىدىغان بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر