- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشايلى» دېگەن تېمىدىكى ئۈندىدار چىراي ئىپادىسى بوغچىسى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى
2016.05.09 14:02 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جۇڭگو تاراتقۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات تارقىتىش ئىلمى يۇرتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى بىرلىكتە ئىشلىگەن تۇنجى قېتىم «مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشايلى» دېگەن تېمىدىكى چىراي ئىپادىسى بوغچىسى ئۈندىدار سۇپىسىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
ئۈندىداردىكى بۇ چىراي ئىپادىسى بوغچىسىدا جەمئىي 40 چىراي ئىپادىسى بار بولۇپ، بۇ چىراي ئىپادىلىرى خېنەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا خالىس ئادەم قۇتقۇزغان شىنجاڭلىق تۆت يىگىتنىڭ قىياپىتى ئاساسىدا ئىشلەنگەن. چىراي ئىپادىسى بوغچىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كىيىمى كىيگەن رەڭلىك كارتون چىراي ئىپادىسى ئوبرازلىرى ئاددىي- ساددا بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك مىللىي پۇراققا ئىگە، ئۇنىڭدىكى «ئوماق» چىراي ئىپادىلىرى ۋە ھەرىكەت ئىپادىلىرى «ياخشى قېرىندىشىم»، «يارايسىز»، «ئامان بولۇڭ»، «جايىدا»، «ھازىرلا قىلاي»، «تاپشۇرۇۋالدىم» قاتارلىق دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى ئىپادىلىگەن بولغاچقا، ئۇندىدار سۇپىسىدا كۆپلەپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
جۇڭگو تاراتقۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات تارقىتىش ئىلمى يۇرتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى فۇ خەيجېڭ: «بۇ يىل 2- ئايدا، شىنجاڭلىق تۆت يىگىتنىڭ ئاپتوموبىل ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ئەزەلدىن تونۇمايدىغان كىشىلەرنى خالىس قۇتقۇزغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشى توردا كەڭ تارقىتىلىپ، تورداشلارنىڭ ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى. بىز بۇ شىنجاڭلىق تۆت يىگىتنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بۇ چىراي ئىپادىسى بوغچىسىنى ئىشلىدۇق. خەۋەر قىلىشتىن سىرت، بۇنداق ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلار توغرىسىدىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى يەنە قايسى خىل ئۇسۇلدا تارقاتقىلى بولىدۇ؟ بىز ئۈندىدار چىراي ئىپادىسى بوغچىسىدىن ئىبارەت بۇ ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپتۇق»، دېدى.
فۇ خەيجېڭ: «بۇ چىراي ئىپادىسى بوغچىسىدىن كۆپچىلىك كۈندە پايدىلانسا بولىدۇ، تارقىتىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق، تەسىر دائىرىسىمۇ كەڭ، شۇنداقلا يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش قانۇنىيىتىگىمۇ ماس كېلىدىغان بولغاچقا، ھەر بىر ئىشلەتكۈچىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتتىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى بىردىنلا تارقاتقىلى بولىدۇ»، دېدى.
ئۇقۇشىمچە، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئىجادىيەت كوللېكتىپى دەم ئېلىش، ھەتتا ئۇخلاش ۋاقتىدىن ۋاز كېچىپ، بۇ چىراي ئىپادىسى بوغچىسىنى 36 سائەتتە ئىشلەپ تاماملىغان.
ھازىر بىز ئۈندىدارنىڭ چىراي ئىپادىسى ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق «مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشايلى» دېگەن تېمىدىكى بۇ چىراي ئىپادىسى بوغچىسىنى تېپىپ، «چۈشۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، پاراڭلىشىش سۇپىسىدا بۇ جانلىق چىراي ئىپادىلىرىنى ئىشلىتەلەيمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر