باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە سېسترالار ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.05.06 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى) سېسترالارنىڭ كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، كەسىپنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە سېسترالار پەرۋىش ماھارىتى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

  ھەر قايسى يېزا-بازار، ناھىيەگە قاراشلىق دوختۇرخانىلاردىن كەلگەن 11 كوماندىدىن 53 تېببىي خادىم سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش، ۋېنا تومۇرىدىن ئوكۇل سۇيۇقلۇقى ماڭدۇرۇش، ئۆپكە يۈرەك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتى، قول يۇيۇشتىكى بەش تەرتىپ، ئوكسىگېن يەتكۈزۈش، ئۆلچەملىك تېببىي پەرۋىش، كۈتۈنۈش ساۋاتلىرى بىلىملىرى بويىچە كەسكىن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە ئاخىرىدا باھالاش ئارقىلىق، ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى كوللېكتىپ بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئارقىلىق ناھىيەدىكى تېببىي خادىملارنىڭ كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر