باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇرتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئاتلىق خەلق ئەسكەرلىرى

2016.05.06 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى) باي ناھىيەسى قاراباغ يېزىسىدا مەملىكەت بويىچە بىردىن-بىر خەلق ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتى بار. بۇ ئەترەت 1965-يىلى رەسمىي قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلق ئەسكەرلىرى يىل بويى قار ئاپىتى، بۆرە ھۇجۇمى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش بىلەن بىللە، ھەر يىلى چارۋىچىلارنىڭ چارۋىلىرىنى كۆكلەمگە كۆچۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ كەلدى.

  ئۇلارنىڭ ئات ئۈستىدىكى جەسۇر قىياپىتى، ئاتلىق ھەبىي مەشىقىنى كۆرگەن كىشى ئۇلارغا قايىل بولماي قالمايدۇ.

  بۇ يىل بۇ ئەترەت قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىپ، قاتمۇ-قات تاللاش ئارقىلىق 120 خەلق ئەسكىرىدىن تەركىب تاپقان ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتى تەشكىللەندى. ئۇلار يەرلىك دېھقانلار بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىنى مىنىپ ھەر كۈنى مەشىق قىلىش ياكى چارلاش بىلەن ئالدىراش. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ۋاقتى يوق، كىرىمى تۆۋەنلەپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قىلچىمۇ پۇشايمان قىلماي، ئەكسىچە يۇرتىنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ئۈچۈن يەنىلا تاغ-داۋانلارنى چارلاش بىلەن ئالدىراش. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار بۇ تاغلىق رايوندىكى چارۋىچىلارغا قانۇن، سىياسەت، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا باقمىچىلىق قىلىش قاتارلىق بىلىملەردىن لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ دىن ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش ۋە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر