باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مىللىي چالغۇلىرى قەدىمىي شەھەر شىئەندە كۆرگەزمە قىلىندى

2016.05.05 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ماي، شىئەن مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەڭرىتاغ چالغۇلىرى . يىپەك يولى كۈيلىرى» شىنجاڭ مىللىي ئالاھىدە چالغۇلار كۆرگەزمىسى نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلدى. بۇلار شىنجاڭدىكى 13 مىللەتنىڭ ۋەكىللىك چالغۇلىرى بولۇپ، كۆرگەزمىدە ئورۇنلانغان مىللىي سەنئەت نومۇرلىرى مىللىي چالغۇلارنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلدى.

  14-ئاپرېل كۆرگەزمە باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي چالغۇلار ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ يىپەك يولى بويىدىكى شەھەرلەردىن شىنىڭ، لەنجۇ، يىنچۈەندە كۆرگەزمە قىلىنغان، شىئەن 4 ـ بېكىتى ئىكەن.

  بالالايكا، يەتتە تارلىق گىتتار، راۋاپ، غېجەك، خۇشتار، بۈركۈت نېيى، دومبىرا قاتارلىق چالغۇلارنىڭ بەزىلىرى نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى قەدىمقى چالغۇ، بەزىلىرى ئۆزگەرتىلىپ ۋارىسلىق قىلىنغان، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى يېڭى چالغۇ بولۇپ، شىنجاڭ مىللىي ئالاھىدە چالغۇلىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى، ئالتە خانلىقنىڭ قەدىمىي پايتەختى شىئەندە كۆرگەزمە قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ كۆرگەزمىگە يېتەكچىلىك قىلغان شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى چىڭمىڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان 160 چالغۇنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن 13 مىللەتنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك چالغۇلىرى بولۇپ، كۆرگەزمە بىر مەيدان مىللىي سەنئەت نومۇرلىرى ئويۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. يىپەك يولىنى بويلاپ كۆرگەزمە قىلىنغاندىن بۇيان، مەيلى مەھەللە، مەكتەپ ياكى مەدەنىيەت يۇرتى بولسۇن، ھەممىلا يەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغالغان. پولشا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 15 كومپوزىتور كېلىپ كۆرگەزمىنى كۆرگەن.ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۆرگەزمە 7-مايدىن 8-مايغىچە ئەڭ ئاخىرقى بېكەت جىڭجۇدا ئېچىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر