- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كەنتتىكى ھاللىق ئائىلىلەر قىيىنچىلىقى بار دېھقانلارنىڭ جىددىي پەيتتىكى ئەندىشىسىنى تۈگەتتى
2016.05.04 16:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى) ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاچاتاغ يېزىسى توقماق خوتەن كەنتىدىكى 63 نامرات دېھقان 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆز كەنتىدىكى ھاللىق ئائىلىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان ئىككى توننا خىمىيەۋى ئوغۇتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، قولۇم-قوشنىلار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدى.
توقماق خوتەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كەنتتىكى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، «ھاللىق ئائىلىلەر نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش، يۆلەش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، كەنتتىكى ئىككى بەنزە ئەزالىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى ۋە كەنت ئاممىسى بەس-بەستە نامرات ئائىلىلەر ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلدى. نەتىجىدە قىسقىغىنا يېرىم سائەت ئىچىدىلا 6000 يۈەن نەق پۇل يىغىلدى. ئەزالار مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق، يىغىلغان بۇ پۇللارغا ئىككى توننا خىمىيەۋى ئوغۇت، 315 كىلوگىرام سۇ يېغى سېتىۋېلىپ، كەنتتىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار 63 ئائىلىگە تارقىتىپ بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر