باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پوسكام ناھىيەسىدە ‹‹ئىتتىپاقلىق لوڭقىسى›› ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2016.05.04 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇن راخمان، مەمەتجان روزى خەۋىرى، فوتوسى) پوسكام ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان، ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە سەيلى يېزىلىق مەدەنىيەت مەركىزى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «1-ماي » خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە «4-ماي » ياشلار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ‹‹زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن مىللىي خاسلىققا ئىگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى بىرلىكتە ئەۋج ئالدۇرۇش›› ،‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تېمىسىدىكى پوسكام ناھىيەسىنىڭ ‹‹1-ماي ئىتتىپاقلىق لوڭقىسى››ئەنئەنىۋى قوچقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، مىللىيچە چىلىشىش قاتارلىق تەنھەرىكەت پائالىيىتى 30 -ئاپرېلدىن 1-مايغىچە سەيلى يېزىلىق مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە ناھىيە تەۋەسىدىكى 16 يېزا-بازار، مەيداندىن ئىلىپ كېلىنگەن 100دىن ئارتۇق قوچقار، 80 دىن ئارتۇق ئىت، 120دىن ئارتۇق خوراز قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغاندىن باشقا، 60 دىن ئارتۇق چېلىشچىلار مىللىيچە چىلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مۇسابىقە ئاخىرىدا نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، ‹‹4-ماي››غىچە پوسكام ناھىيەسىدىكى 16 يېزا-بازار، 140 قا يېقىن كەنت ۋە 200 دىن ئارتۇق ئىدارە، ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، مەكتەپ، مەھەللە كومىتېت تەۋەلىكى بويىچە تۈرلۈك شەكىلدىكى مول مەزمۇنلۇق يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن 300 مەيدان (قېتىم)دىن كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ، ‹‹قوش بايرام››نى تەبرىكلەپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىدىكەن. سۈرەتتە: 30-ئاپرېلدىن 1-مايغىچە ناھىيە بويىچە سەيلى يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر