باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غەربىي شىمال نېفىتلىكى تۇنجى پەسىللىك غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە يەتكۈزگەن گاز بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 كۆپەيدى

2016.05.04 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- پەسىلدە، جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورىنى 112 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن % 25 ئاشۇردى.

  غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ گاز ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئاساسلىق گاز بىلەن تەمىنلەش يۆنىلىشىنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش لىنىيەسى بويىدىكى پۇقرالار ۋە جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى شىركىتى قارىمىقىدىكى تۆۋەن نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى كارخانىسىغا قاراتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، غەربىي شىمال نېفىتلىكى گاز بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ كۈچەيتىپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش باشقۇرۇش ئورنى — تارىم نېفىتلىكى بىلەن بولغان ئالاقە سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەبىئىي گازنى سېتىش خىزمىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش، تەبىئىي گاز سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، غەربىي شىمال نېفىتلىكى ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى بىلەن تارىم نېفىتلىكى ئىشلەپچىقىرىش تارمىقى مەخسۇس ئادەملەر ئالاقىسى ۋە ماسلىشىش مېخانىزمىنى قۇرۇپ، گاز يەتكۈزۈشتە يۈز بەرگەن تاسادىپىي مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا دەل ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، دەرھال ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، غەربىي شىمال نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەسىنى مەخسۇس چارلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي چارلاپ، گازنىڭ راۋانلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.1-پەسىلدە، غەربىي شىمال نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تەمىنلەش ئورنى — ياقا گاز ئېلىش زاۋۇتىنىڭ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 221 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، يىللىق پىلاننىڭ % 26 ىنى ئىگىللىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر