باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي جامائەت ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى خىراجىتى ئۆلچىمى كىشى بېشىغا ھەر يىلى 40 يۈەندىن 45 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ

يېڭىدىن كۆپەيگەن قىسمى ئۇنىۋېرسال بۆلۈم دوختۇرلىرىنىڭ كېلىشىم مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ

2016.05.04 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 28 -ئاپرېل ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 ـ يىللىق ئاساسىي قاتلام سەھىيە خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي جامائەت ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى خىراجىتى ئۆلچىمى كىشى بېشىغا ھەر يىلى 40 يۈەندىن 45 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدىكەن، يېڭىدىن كۆپەيگەن قىسمى ئۇنىۋېرسال بۆلۈم دوختۇرلىرى (يېزا - كەنت دوختۇرى)نىڭ كېلىشىم مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمەت تۈرى خىزمەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، «سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىنى كېڭەيتىش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. «12-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمەت تۈرى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمەت خىراجىتى ئۆلچىمى 20 يۈەندىن 40 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن. مۇلازىمەت مەزمۇنى ئۈزۈكسىز موللىشىپ، 10 تۈردىن 12 تۈرگە كۆپەيگەن، نەپكە ئېرىشكەن ئامما ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن، ئاممىنىڭ داۋالىنىش رازىمەنلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش خىزمەت فاڭجېنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ،« داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا سەل قاراش » ئەھۋالى ئۈزۈل - كېسىل ئوڭشالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر