باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2016.05.04 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك « ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسى 1-ماي يوپۇغا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ناھىيە، شەھەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن كوماندىلار قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش بويىچە چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلۈشى چېلىشىش ھەرىكىتىنى ياخشى كۆرىدىغان سانسىزلىغان ھەر مىللەت يوپۇغا خەلقى ئۈچۈن تەستە قولغا كېلىدىغان كاتتا مەرىكە بولدى. «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش بويىچە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يېزا - بازارلىرىدىكى 3000دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، 1000 كىشىلىك مەشرەپ، 1000 كىشىلىك ئالما ئۇسسۇلى، 1000 كىشىلىك ساما قاتارلىق قىزىقارلىق ناخشا - ئۇسسۇل ئوينىدى. 100 دېھقان ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، 100 يوپۇغا ئېشىكىگە مىنىپ، يوپۇغا ئېشىكىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلانغانلىقىنى نامايان قىلدى. 56 مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيگەن 56 ئايال 56 تۆگىگە مىنىپ، مەيداندا كۆرەكتىن ئۆتكەندە، ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىگە ئاتلانغانلىقىدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش نامايان بولدى. شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىغا چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن دېھقان ناغرىچىلار ئەترىتى ئورۇنلىغان ناغرا مۇزىكىسى يوپۇغا زېمىنىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئورۇنلانغان مىللىيچە ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ تۈرى كۆپ، مەزمۇنى مول، شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، يوپۇغىلىقلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  يوپۇغا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى غەنى نەسىردىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، يوپۇغا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، ياپونچە چېلىشىش، مىللىيچە چېلىشىش ھەركىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئۆتكۈزۈشكە ياردەملەشكەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش بويىچە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئوغلانلار»نىڭ كارامىتى ۋە «شىنجاڭ روھى»نى نامايان قىلىش مەقسەت قىلىنغان؛ ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇلار ياقتۇرىدىغان ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، يوپۇغىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىش، مەملىكەت خەلقىگە يوپۇغىنىڭ گۈزەللىكىنى بىلدۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر