سۈرەتتە: 2-ماي تۇرپان شەھىرىنىڭ كارىز سەيلىگاھىدا ساياھەتچىلەر سەيلىگاھدىكى ئۇسسۇلچىلارنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ 2 – ماي كەچتە ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىللىق «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىشىدا ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 156 مىڭ دۆلەت ئىچى ساياھەتچىسى (قېتىم) كۈتۈۋېلىنىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14.7 ئاشقان، دۆلەت ئىچى ساياھەت ئىستېمالى 748 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %15.8 ئاشقان.
ماي بايرىمىدا تۇرپاندا ئۈجمە پىشىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. تۇرپان ساياھەتچىلىكىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ساياھەت چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر شىركەت قارىمىقىدىكى بارلىق سەيلىگاھلار بايرام كۈنلىرى كۈنىگە 55 مىڭ 900 ساياھەتچى (قېتىم) كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %22.32 ئاشقان، ئىككى كۈنلۈك ساياھەت كىرىمى 2 مىليون 143 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %27.17 ئاشقان. ھەرقايسى سەيلىگاھلارنىڭ مېھمان كۈتۈۋېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا يالقۇنتاغ، كارىز، موزېي، بۇيلۇق، يارغول قاتارلىق سەيلىگاھلار بەكمۇ ئاۋات بولغان. ساياھەتچىلەر نىسبىتىدە ئۆز ئالدىغا ساياھەت قىلغۇچىلار كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %42.4 نى ئىگىلىگەن.
تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 29 – ئاپرېلدىن 2 – مايغىچە شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 364 مىڭ يولۇچى (قېتىم) توشۇغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %12 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىق يولۇچىلار 316 مىڭ يولۇچى (قېتىم) غا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %19.9 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى