- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى يېڭى زېلاندىيەگە زىيارەتكە باردى
2016.05.03 14:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 1-مايدىن 2-مايغىچە يېڭى زېلاندىيەدە شۇ جايدىكى مىللىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار بىلەن دوستانە ئالاقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ﮬﻮﻗﯘقىنى قوغداش، دىنىي ئەركىنلىكى ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت- تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى.
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەشكىللىگەن شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 1-ماي يېڭى زېلاندىيە پايتەختى ۋېللىنگتوندا يېڭى زېلاندىيە مىللىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى سانلىق مەلۇمات ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېڭى زېلاندىيە تەرەپكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللىي قۇرۇلمىسى، دىن ئەھۋالى ۋە ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر