باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 300 مىڭ ئائىلىلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى %40ىدە ئىش باشلاندى

2016.05.03 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە 300 مىڭ ئائىلىلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش باشلاش نىسبىتى %40تىن ئاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى شىنجاڭدىكى يەتتىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئىكەن. شىنجاڭ 1700 كەنتتىكى 300 مىڭ ئائىلىلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا سەككىز مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى ئاۋال ھەل قىلىنىدۇ. بىز ئارخىپقا ئېلىنغان 165 مىڭ نامرات ئائىلىنى بۇ يىل ئەمىن ئۆي ئارقىلىق دەل جايىدا يۆلەيمىز، بۇ پۈتۈن يىللىق پىلان ۋەزىپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ.

  چەرچەن ناھىيەسى بۇ يىل 300 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سالماقچى. 30-ئاپرېلغىچە، ناھىيە بويىچە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشلىرىدا تولۇق ئىش باشلاندى، 30-سىنتەبىردىن بۇرۇن ئۆيلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ياسىلىپ بولىدۇ.

  تونۇشتۇرىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىنى يولغا قويۇشقا قاتتىق ئەمەل قىلىدىكەن، ئۆي سالغاندا سۇ، توك، يول، گاز، ئاشخانا، ھاجەتخانا، مۇنچىدىن ئىبارەت يەتتە ئاساسىي ئىقىدار ھازىرلىنىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىدىكەن.

  يەنە ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ مالىيەسى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، جايلارغا تۇنجى تۈركۈمدە بىر مىليارد 470 مىليون يۈەن قۇرۇلۇش پۇلى ئاجرىتىپ بەرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر